جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىز تورى www.iz.la
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى كوچىسى شەرقىي قاراماي يولى شىمالىي مەھەللە نىڭكۇن كوچىسىدىكى 28-نومۇرلۇق قورۇنى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭىدىن ئورنىتىلغان كوچا چىراغلىرى يورۇتۇپ تۇراتتى. 3-بىنادىكى لى فېڭخۇا بوۋاي پەستە سالقىنداپ ئولتۇرۇپ: «مەھەللىمىزگە كوچا چىراغلىرى ئورنىتىلغاچقا، كەچتە سىرتقا چىقىپ سالقىنداشنى ياخشى كۆرىدىغان بولدۇق» دېدى.
نىڭكۇن كوچىسى 28-نومۇرلۇق قورۇ 1996-يىلى سېلىنغان بولۇپ، قورۇدىكى بەش بىنادا 1000دىن كۆپرەك ئاھالە تۇرىدۇ. بىنا ئاز، پايدا ئاز بولغاچقا، خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى بۇ يەرنى باشقۇرۇشنى خالىمىغان. نەتىجىدە، مەھەللىنى ئەخلەت بېسىپ، ئامانلىقى ناچارلىشىپ، توك، سۇ توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
قانداق قىلغاندا نىڭكۇن كوچىسى 28-نومۇرلۇق قورۇنىڭ مەينەت، قالايمىقان، ناچار ھالىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ مەھەللىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2011-يىلى 3-ئايدا بۇ قورۇدىكىلەر مۈلۈكدارلار يىغىنى ئېچىپ، مۈلۈكدارلار كومىتېتى قۇردى ھەم بارلىق مۈلۈكدار ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق مۈلۈكدارلار كومىتېتىنىڭ يەتتە ئەزاسى سايلاپ چىقىلىپ، ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ۋە ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ قورۇنىڭ ئالدى دەرۋازىسى بازارغا، ئارقا دەرۋازىسى يولغا قارايتتى، باشقا مەھەللىنىڭ ئاھالىلىرى ۋە تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى بۇ قورۇنى ئۆتەر يول قىلىۋالغانىدى، شۇڭا قورۇنىڭ ئامانلىقى يوشۇرۇن خەۋپكە دۇچ كەلگەنىدى. مۈلۈكدارلار كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن 60 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، ئالدى دەرۋازىغا ئاپتوماتىك ئىشىك ئورناتتى، ئارقا دەرۋازىغا ئامانلىق قوغداش خادىمى سەپلىدى، شۇنىڭ بىلەن قورۇنىڭ ئامانلىقى ياخشىلاندى.
مۈلۈكدارلار كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قىلغان يەنە بىر ياخشى ئىش قورۇنىڭ سۇ تۇرۇبىسى، ئەۋرەز يوللىرى ئۆزگەرتىلدى. مۈلۈكدارلار كومىتېتى نەچچە ئاي قاتراپ يۈرۈپ، 600 مىڭ يۈەن رېمونت فوندىنى قولغا كەلتۈردى ھەم بۇ يىل 5-ئايدا ئۆزگەرتىشنى تولۇق تاماملىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۈلۈكدارلار كومىتېتى دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن، قورۇدا ھەق ئېلىش، ئۆزگەرتىپ ياساش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدى بىلەن مۈلۈكدارلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزدى. «مۈلۈكدارلار يىغىنى ئېچىش تەس، بىز ئۆيمۇئۆي كىرىپ، ھەر بىر مۈلۈكداردىن تەكلىپ-پىكىر ئالىمىز» دېدى مۈلۈكدارلار كومىتېتى تەكلىپ قىلغان ئۆي-زېمىن خوجىلىقى دىرېكتورى ۋاڭ خۇي.
7-ئاينىڭ 24-كۈنى قورۇ دەرۋازىسىدا بىر ئېلان تاختىسىنى كۆردۇق، تاختىغا بىر مۇنچە جەدۋەل چاپلاغلىق ئىكەن، ئۇلاردا قانچىلىك خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنغانلىقى، نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكى، قانچىلىك پۇل ئاشقانلىقى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلغانىدى. «مۈلۈكدارلار كېلىپ ھېساباتنى تەكشۈرسە، ھېساباتنى ئېنىق كۆرۈپ بىلەلەيدۇ. مۇشۇنداق بولغاندىلا مۈلۈكدارلار خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققىنى رازىمەنلىك بىلەن تاپشۇرىدۇ» دېدى ۋاڭ خۇي. copyright by www.iz.la
«نىڭكۇن كوچىسى 28-نومۇرلۇق قورۇدىكى مۈلۈكدارلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈنۈملۈك ئىزدىنىش، بۇ باشقۇرغۇچىسى بولمىغان باشقا قورۇلارنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆي-مۈلۈك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈلياڭ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ۋاڭ يۈلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 1000دىن كۆپرەك قورۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى يوق ئىكەن. ۋاڭ يۈلياڭ مۇنداق دېدى: كۆلەملەشمىگەن، باشقۇرغۇچىسى يوق قورۇلاردا ئاھالىلەرنى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش قورۇنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.
ۋاڭ يۈلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئولتۇراق رايوندا ئۈچ يىل ئىچىدە مۈلۈكدارلار كومىتېتى قۇرۇپ، مۈلۈكدارلارنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇشقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
