app دېتالى
رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

2–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە يەتتە

ۋاقتى:2012-08-28 18:39مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى 24–ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۇقتۇردى.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆرگەزمە مەزگىلىدە يەتتە تۈرلۈك مۇنبەر ۋە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يەنى، سودا مىنىستىرلىقى 2–سېنتەبىر جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرىنى باش بولۇپ ئۆتكۈزىدىكەن؛ 3–سېنتەبىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ پائالىيەتكە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن باشقا، يەنە ھىندىستان، ئىران، موڭغۇلىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، بېلارۇسىيە، سىرېلانكا، تۈركىيە، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قاتنىشىدىكەن؛ 1–سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمكارلىقى ۋە رايونلار تەرەققىياتى» باش تېما قىلىنغان جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنبىرىگە سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن 19 ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ 30 غا يېقىن ۋەكىلى قاتنىشىدىكەن؛ 1–سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «2012 – يىللىق ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى»غا 19 دۆلەتتىن كەلگەن مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو غەربىي رايون مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن؛ 25– ئاۋغۇستتىن 7–سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو–چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكىدە دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەرنىڭ نادىر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغاندىن سىرت، يەنە سېربىيە بالېت ئۇسسۇلى، «گۈزەل شىنجاڭ»، «مۇقام باھارى» قاتارلىق نادىر سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىدىكەن؛ 3–سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئېچىۋېتىلگەن بىڭتۈەن، ھەمكارلىق ئاساسىدا ئورتاق نەپ ئېلىش» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتتە بىڭتۈەننىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئېچىۋېتىلگەن ئوبرازى نامايان قىلىنىدىكەن.

ئىز تورى بەك ياخشى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى شادىيە ئابلەھەت شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە 55 دۆلەت ۋە رايون، ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى. يۇقىرىقى پائالىيەتلەردىن باشقا، كۆرگەزمە مەزگىلىدە بۇ دۆلەت، رايون ۋە تەشكىلاتلار يەنە مەخسۇس تېمىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە 3–سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ يېشىل يىپەك يولى تۈرىنى باشلاش پائالىيىتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى، 3– ، 4–سېنتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە ئۈنۈمى مۇنبىرى، 4–سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان قىرغىزىستان دۆلىتى پائالىيىتى ۋە 3–سېنتەبىردىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار بار.

ئىز تورى www.iz.la

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس