app دېتالى
رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ش ئۇ ئا ر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پاختا سۈپىتى ۋە بازىرىنى نازارەت

ۋاقتى:2012-08-28 18:39مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: ئىز تورى www.iz.la

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى 14-ۋە 16-ئاۋغۇست «پاختا سۈپىتى ۋە بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ۋە «پاختا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە باختا بازىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، پاختا سۈپىتى ۋە بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاختا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، پاختا بازارلىرىنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك تۈزەشنى تەلەپ قىلدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قىيىن بولۇش، پاختىكارلارنىڭ سۈپەت ئېڭى يۇقىرى بولماسلىق، بىر قىسىم كارخانىلار خام ئەشيا تالىشىپ، ناچارلىرى بىلەن ئەلالىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش ۋە كىلىمات، سورت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن، 1-، 2-دەرىجىلىك پاختا نىسبىتى ئازلاپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى ۋە بازاردىكى رىقابەت ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتتى. copyright by www.iz.la

پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پاختىغا ئارىلاشما قوشۇش، ساختىپەزلىك ئىشلىتىش، قانۇنسىز سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پاختا بازارلىرىنىڭ نورمال تىجارەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمزدا يېقىندا پاختا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پاختا بازىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى پاختا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بازارنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش، تۈزەش ھەرىكىتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. (1) ئۆزى تەكشۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش باسقۇچى(2012-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە): جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تەۋەلىكىدىكى پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزىدۇ ھەم بىرمۇبىر رويخەتكە ئالىدۇ. (2) تەرتىپكە سېلىش، تۈزەش باسقۇچى(2012-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئوخشاشمىغان ئەھۋاللار پەرقلەندۈرۈلۈپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە، تاقاش-ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ تۈزەش، سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت مەمۇرىي جازا ياكى قانۇنىي جازا بېرىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ تۈزەش ۋە سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغانلاردىن سۈرۈك ئۆتسىمۇ تەلەپكە يەتمىگەنلىرى تاقىلىدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. (3) تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچى(2012-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈندىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): جايلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پاختا بازىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەيدۇ ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىپ خۇلاسىلىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللايدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: (1) جايلار، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى پاختىكارلارنى كېيىنكى مەزگىلدە كېۋەز پەرۋىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. كېۋەزنىڭ تۈۋىگە توپا يۆلەش، غوزا سېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھوسۇل ۋە سۈپەتنى ئاشۇرۇشى كېرەك؛ تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، سۇنى ۋاقتىدا توختىتىپ، پاختىنىڭ پىشىشىنى تېزلىتىش، تالانىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى ۋە پاختا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ كەنجى كېۋەزلىكتە پىشىشنى تېزلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، غوزىنى بالدۇر ئېچىلدۇرۇشى كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

(2) جايلار، تارماقلار قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا ئىجازەت بېرىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلىشى كېرەك. پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش تىجارەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كارخانىلار، ئورۇنلارنى قايتىدىن قاتتىق تەكشۈرۈپ، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ئىقتىدارى ئىسپات قەغىزى بولمىغان كارخانىلارنى سۈرۈك ئىچىدە رەتكە سېلىشى، ئۆزگەرتىشى؛ رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى سۈرۈك ئىچىدە ئورۇندىمىغانلارنىڭ تىجارەت سالاھىيىتىنى قەتئىي بىكار قىلىشى كېرەك؛ گۇۋاھنامە، تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ تىجارەت قىلىش ھەرىكىتىنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك. گۇۋاھنامە، تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، تىجارەت قىلىش ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، دائىرىدىن ھالقىپ پاختا تىجارىتى قىلىشتەك قانۇن، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، ساختا، ناچار مالنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، ئارىلاشما قوشۇپ ساختىپەزلىك قىلىش، ناچار مالنى ياخشى مال ئورنىغا دەسسىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ تىجارەت ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك. ئاق ھۆججەت بەرگەن كارخانىلارنى بايقىغان ھامان دەرھال پېچەتلىشى، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

copyright by www.iz.la

(3) جايلار، تارماقلار پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، تىرانسپورت ھالقىسىدا سۈپەتنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك. پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت كاپالەت ئىقتىدارىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، سۈپەت كاپالەت ئىقتىدارى بولمىغان كارخانىلارنى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشى كېرەك؛ پاختا ئوراش ماتېرىيالى ۋە تايلاش تاسمىسىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. www.iz.la

(4) پاختا پىششىقلاش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن كارخانا ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش مەبلىغى، سېتىۋېلىش مەيدانى، ئوت مۇداپىئەسى، تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە پاختا تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق شارائىتلىرىنى قايتىدىن قاتتىق تەكشۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇشى، ئۆزگەرتىشنى ۋاقتىدا تاماملىمىغانلارنىڭ پىششىقلاش سالاھىيىتىنى قەتئىي بىكار قىلىشى كېرەك؛ دۆلەت شاللىۋېتىشنى بۇيرۇغان كىچىك چىگىت ئايرىش ماشىنىسى، تار تاسمىلىق تۇلۇق، يەرلىك تايلاش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشتەك قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

(5) جايلار، تارماقلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پاختا سۈپىتى ۋە بازىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر تەشۋىقات جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى

(6) جايلار تېزلىكتە تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، باج ئىشلىرى تارماقلىرىدىن بىرلەشمە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پاختا سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش، پىششىقلاش كارخانىلىرىغا بېرىپ، ئۆز تەۋەلىكىنىڭ پاختا بازىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، رەتكە سېلىش، ئۆزى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پاختىغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك. copyright by www.iz.la

(7) جايلار، ئالاقىدار تارماقلار يېقىنقى مەزگىلدىكى بازارنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2012-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پاختا سۈپىتى ۋە بازارنى سەييارە تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئايلار بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس