جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
2-نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا يەرمەنكىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 57 نۇقتىلىق تۈرنى بۇ يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇشقا تاللىدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ يەرمەنكىدە ئوبلاست ئوبرازىنى نامايەن قىلىدۇ ۋە باغچا رايونىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بۇ قېتىم تاللانغان 57 نۇقتىلىق تۈر يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش كەسپى، نېفىت، نېفىت-خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى تۆۋەن دەرىجىدە پىششىقلاش كەسپى، كۆمۈر ئېلېكتېر، كۆمۈر خىمىيە كەسپى، ساياھەت كەسپى قاتارلىق 12 ساھەگە چېتىلىدۇ، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 49 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدا 108 كۋادرات مېتىر ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئىلىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى تولۇق نامايەن قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا باغچا رايونىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى شۇنداقلا غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، كۈيتۈن-مايتاغ ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق تەرەققىيات رايونلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆرگەزمە ئورنىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسايدىكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
