جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
2012-يىللىق «تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ئاكادېمىكلار سەپىرى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، «يايلاق چارۋىچىلىقى بىلەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» مۇتەخەسسىسلىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ساغان ئوسۇ يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراق نۇقتىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە چارۋىچىلار ئولتۇراق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە ئىجادىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىنكى قوللاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆتۈش چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىنكى ئىشلارنى كەسىپنى قوللاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم بىر يول دەپ تەكلىپ بەردى. ئىز تورى www.iz.la
يايلاق چارۋىچىلىقى بىلەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىدى: ھازىر شىنجاڭدا يەنە يېرىمدىن كۆپىرەك چارۋىچى تېخى مۇقىم ئولتۇراقلاشمىدى، ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى چارۋىچىلار ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش تۇرمۇشىغا كۆنەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىرىمى تۆۋەن، ئىشلىتىدىغان سۇ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جياڭشى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىكى خۇاڭ لۇشېڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇشتىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئۇسۇلى يەنىمۇ قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەك، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ باي بولىمىز دەيدىكەنمىز چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشتىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە ئۆتۈشى چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم بىر يول. چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئوخشىمىغان ئولتۇراق نۇقتىلىرى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىپ ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قوللىنىپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىش يولىنى توغرا تېپىپ، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش لازىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋاناتلار پەن تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جياڭ يىڭجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ تېرىش تەبىئىي شارائىتى بار، شىنجاڭدا دۆلەت سۈپەتلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇق بازىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش تەكلىپى بېرىمەن. شۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ ئوت-چۆپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا كوپىراتىپ تىجارەت قېلىپى ئورنىتىپ، ئېكولوگىيىلىك ساياھەت ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرى ئارقىلىق چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
