دوسلار كەچۈرۈڭلار بەلكىم بۇنداق يېزىشىم نۇرغۇن تورداشلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە بېرىپ قۇيۇشى مۇمكىن ئەمما مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ،ھەم مەسلىھىتچىم سىلەر بولغاچقا سىلەردىن پىكىر ئېلىشنى تاللىدىم . مەن ئۇقۇش پۈتتۈرگىلى 2 يىلمۇ بۇلۇپ قالدى .خىزمەتكە كەلسەك يۈرۋاتقان بالا مىنى ئىلىشگىلى قويمايۋاتىدۇ . ئۇ بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجىراشقان ئەمما مەن بىلەن تۇنۇشۇشتىن ئىلىگىرى ئاجىرشىپ بوپتىكەن بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ مەن سەۋەپچى ئەمەس . ئۇنىڭ ئوماققىنە بىر بالىسىمۇ بار تېخى ! ئۇ ماڭا توي قىلايلى دىدى .ئەمما ئۈيۈمدىكىلەر بۇنىڭغا قۇشۇلمايدۇ چۈنكى ئۇنىڭ بالىسى بار .مەن ئۇ بالىغا شۇنچە كۈيۈندۈم .بۇ قېتىمقى بايرامدىمۇ بىر كۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئۇنى ئويناتتىم چىن كوڭلۈمدىن ئۇنى باغرىمغا باستىم ئەمما ئۇ يەنىلا مىنى <ئاپا>دەپ چاقىرىپمۇ قويمىدى ئەكىسچە <جادى>دەپ قۇيۇپ دادىسىنىڭ قېشغا يۈگۈرۈپ كەتتى . بەلكم بۇنى ئاپىسى ئۆگەتكەن بۇلىشى مۇمكىن . ئەمما مەن خاپا بولمىدىم چۈنكى كىچىك بالا بىلمەيدۇ ئەمەسمۇ ؟ ئۆيدىكىلىەر دەيدۇ قىزىم جاپا تارتىپ نەچچە يىل ئۇقۇدىڭىز ،بىزمۇ سىزنى مىڭ تەسلىكتە ئۇقۇتتۇق ئەمدى ھەممىنى يوق قىلامسىز دەپ مەندىن رەنجىدى . ئۇ شوپۇر ئىدى .ھەم مىنى شۇنداق باشقۇرىدۇ .ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھەتتا دوسلىرىم بىلەنمۇ كۈرۈشەلمەيمەن .مەن بۇنىڭدىنمۇ رازى ئىدىم . ئەمما مەن بالىدىن سەل ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن . ئۇ بالا دائىىم دىگۈدەك ئاپىسى بىلەن كۈرۈشۈپ تۇرىدۇ ، مەن تېخى توي قىلىپ باقمىغان .ئۇ بالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەي قالدىم .ئۇ بالىسىغا شۇنچىلىك كۈيۈنىدۇ ئەلۋەتتە ھەممە ئاتا-ئانا بالىسىغا كۈيۈنىدۇ .ئەمما بىر قېتىم بالىغا ۋاخاخانى ئاز ئىچكۈزۈڭ دەپ <ئوغلۇم بۇنى ئىچمەڭ ھى مەينەتكەن .مەن سىزگە جېق نەرسە ئېلىپ بېرىمەن >دەپ قۇلۇمنى ئۇزاتسام يىغلاپ كەتتى .نەدىن بىلەي ئۇ ماڭا ۋاقىراپ تۇرۇپ <بىر بالا تۇغۇپ باقماي تۇرۇپ ھەجەپ بىلەرمەنلىك قىلىپ كېتىدىكەنسىز >دەپلا ۋاخاخانى قۇلۇمدىن تارتىپلا بالىسىغا بەردى . ئاپاممۇ جېنىم قىزىم بالىسى بولمىسا مەيلىتى،كىيىن ئۆزىڭىز قىيلىنىپ قالسىز دىدى . مەن ھىچ بىلەلمىدىم . مەن قانداق قىلسام بولار ؟ ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن .كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كىيىن ئاتا-ئانام ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن كېلىمەن .مۇشۇلارنى ئويلاپ تېڭىرقاپ قالدىم ... جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق