بانكا، فوند شىركەتلىرى روزغار سېلىنمىسى نىشانىنى بالىلارغا قارىتىش ئۈچۈن «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا بالىلار روزغار مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى . بۇ بالىلار ئۈچۈن مائارىپ فوندى توپلاپ بېرىپلا قالماي، بالىلارنىڭ روزغارچىلىققا قىزىقىشى ۋە قالايمىقان پۇل خەجلىمەسلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازاردا بالىلار روزغار مەھسۇلاتلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئىلگىرى «مىنشېڭ» بانكىسى بالىلارنىڭ چاغانلىق پۇلىنى كۆزلەپ ھەر خىل روزغار مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالغانىدى. دەرۋەقە، چاغان، «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە بازارغا سېلىنغان روزغار مەھسۇلاتلىرى ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئىز تورى www.iz.la
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شارائىتى يار بەرگەن ئائىلىلەر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مائارىپ فوندى، مائارىپ سۇغۇرتىسى ياكى مائارىپ روزغار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، مەبلەغ توپلاپ، بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغان. بۇنداق روزغار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ پەرزەنتلەرگە سېلىنغان مەبلەغ بولغاندىن سىرت، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ روزغارچىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىدا.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
«گۇاڭدا » بانكىسى «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە سوۋغىسى سۈپىتىدە »يەتتە رەڭ روزغار مەھسۇلاتى«نى بازارغا سالدى. بۇ روزغار مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى تۆۋەن، مۇددىتى قىسقا بولۇپ، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ روزغارچىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
«خۇاشيا» بانكىسى «1 - ئىيۇن»بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، بايراملىق ئالاھىدە روزغار مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى. بۇ «بايراملىق ئالاھىدە روزغار مەھسۇلاتى» «خۇاشيا» بانكىسىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتىدۇر، ھېيت - بايراملاردا «خۇاشيا» بانكىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش روزغار مەھسۇلاتىنى بازارغا سالىدۇ، روزغار مەھسۇلاتىغا قانچە كۆپ مەبلەغ سېلىنسا، پايدىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئوخشاش مۇددەتلىك، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا بۇ مەھسۇلاتنىڭ پايدا نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
copyright by www.iz.la