مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى، نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاچقۇچ يەنىلا پارتىيەدە، كادىرلاردا، ئىستىل ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىرىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئىلمىي تەرەققىيات، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك
رەھبىرىي كادىرلار رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئىلى خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
«مۇھىت ئاسراشنى ئالدىن ئويلىشىش، ئېكولوگىيەلىك ئوبلاست قۇرۇش» ۋە «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زورايتىپ، ئىلىنى تىرىشىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»تىكى ئۈلگىلىك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچلەشتۈرۈش» قەدىمىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىلىنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى غەربىي رايون بويىچە ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون، مەركىزىي شەھەر ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى» پائالىيىتىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن - تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ دائىملىق خىزمەتكە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىككىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
رەھبىرىي كادىرلار رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆگىنىشنى ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەسئۇلىيەت، بىر خىل مەنىۋى ئىنتىلىش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجى دەپ بىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ بوشاشماي ئۆگىنىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى دائىرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا دادىل بولۇش كېرەك
رەھبىرىي كادىرلار رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنى ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئاساسىي ئىدىيەۋى قورال قىلىشى، ئازاد بولغان ئىدىيە ئارقىلىق ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنى پۈتكۈل ئەمەلىيەت جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى پائال تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە، يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ ئاچقۇچى قىلىش، بولۇپمۇ سىياسەت جەھەتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار پەرقلىق كەسىپ سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەپ، كەسىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن يېتىلدۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغۋار غايە - جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، ئىلى ئوبلاستىدا ئاجايىپ يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىشى كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۆتىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئەمەلىي تۇتۇپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى لۇشيەندە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلى ئوبلاسىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئاساسى، ئەۋزەل شارائىتى، تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان ئامىللار، شۇنىڭدەك ھازىرقى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى، تەلىپى ۋە ساداسىنى ئىگىلەپ، ئوبلاست، ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇش ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت ۋە ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ياخشى ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتچىلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېت كۆرسەتكۈچ ۋە تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي نەتىجە يارىتىش كېرەك.
ئىز تورى بەك ياخشى
بەشىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك
چوڭ ئىشلارنى پىلانلاپ، مۇھىم ئىشلارنى تۇتۇپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، بارلىق خىزمەتتە كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش، كەڭ كۆلەمدە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئالتىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شىنجاڭچە ئۈنۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، خىزمەت رىتىمىنى تېزلىتىپ، توغرا دەپ قارىغان ئىشلار، بېكىتكەن ۋەزىپىلەردە قىيىنچىلىقلارنى ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بولغان چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئىشنى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى، ئوبلاستنىڭ تۆت بەنزىسىدىكى رەھبەرلەر، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)، ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ئورۇندىكى رەھبەرلىك بەنزىسىدىن باشلاپ، ئوخشاش دەرىجىلىك ئورۇن ئوخشاش دەرىجىلىك ئورۇننى تۇتۇش، ئوخشاش دەرىجىلىك ئورۇن يەنە بىر ئوخشاش دەرىجىلىك ئورۇنغا مەسئۇل بولۇش، تالاش - تارتىش قىلماسلىق، بىپەرۋالىق قىلماسلىق، ئىدىيە، نىشان، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئوخشاش ئويلايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك تۇتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى يارىتىش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يەتتىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك
پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، ھوقۇق - مەسئۇلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر كىم ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى پارتكومغا مەسئۇل بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا كوللېكتىپ چىقىرىلغان تەدبىرلەرنى مەسئۇل رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە ئالاقىدار تارماقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ، مەسئۇل رەھبەرلەر ۋە تارماقلار ھەم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كوللېكتىپ تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ھەم سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى دادىللىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈنۈم - ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدىكى ئالاقىدار تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەسئۇل خادىملار مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشنى يولغا قويۇپ، پۇختا بولمىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن، ئەمەلىيلەشمىگەن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېڭى ئىستىل، يېڭى ئوبراز بىلەن خىزمەتلەردە يېڭى ئۈنۈم، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى
سىياسەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھىم. شۇجى جاڭ چۈنشيەن كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىگەن: تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىز مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۆزگىرىپ، ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلانساقلا، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتەلەيمىز. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!