مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا ئىككى يىل بولغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى،«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ ئۈستىگە ئېلىشى، قاراماي شەھەرلىك تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى ھەمكارلاشقان «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەمتۈرتكىلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى 27-مايدىن 4 - ئىيۇنغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
«گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەمتۈرتكىلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زور تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، يەنە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار ۋە ئۇلار تۇرۇشلۇق سەھنىنىڭ تەسىر كۈچى، شۇنداقلا «شىنلاڭ»، «تېڭشۈن» مىكرو بىلوگىنىڭ تارقىتىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە زور تەسىر قوزغاپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش، تەشۋىق قىلىشتا پائال رول ئوينىدى. ئىز تورى www.iz.la
شىنجاڭ تاشقى تەشۋىقات جەھەتتە يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىردىن پايدىلاندى
ئىز تورى بەك ياخشى
«گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەمتۈرتكىلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە، تەكلىپ قىلىنغان بارلىق ئەزىز مېھمانلار سۆھبەت يىغىنى ۋە نەق مەيداندا پىكىرلىشىش قاتارلىق سورۇنلاردا شىنجاڭنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، قانداق قىلغاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سەھنىسى، بولۇپمۇ يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئىككى يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې سۇليۇ «شىزاڭدا ئۆتكەن بىر يىل»، « تائام خەزىنىسى جۇڭگو» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىملەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا ھۆججەتلىك فىلىمنى تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. »شىزاڭدا ئۆتكەن بىر يىل« ھۆججەتلىك فىلىم ئەنگىلىيەنىڭ BBCدا تۆت قېتىم كۆرسىتىلدى، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدىمۇ كۆرسىتىلدى. خې سۇليۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى تەجرىبىلىرى شىنجاڭدىكىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدۇ. خې سۇليۇ شىنجاڭنىڭ يېقىندا كۆرسىتىلىۋاتقان «تائام خەزىنىسى جۇڭگو» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئۆرنەك قىلىش، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىنى نۇقتىلىق ھالدا ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە تەشۋىق قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
«ئازادلىق» گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى شۇ گۇاڭۋۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تەپسىلات ۋە ئالاقىلىشىش جەھەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەجرىبە ۋە سۆز ھوقۇقى، تارقىتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
«ۋاڭيى» شىركىتىنىڭ CEO ياردەمچىسى، «ۋاڭيى» يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى جۇ جيۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «سىرتتىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى» دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىقتىساد ساھەسىدىكى نوپۇزى بار شىنجاڭلىق زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەتتىكى نوپۇزلۇق زاتلار، ئوبزورچىلار، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ئاقىللار خەزىنىسى قۇرۇپ، «ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەن بولسا، ناھايىتى ياخشى بولاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى شې خۇڭيۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ ئەۋزەللىكى تارقىتىش كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدا، خەۋەر - ماقالىلەرنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى، بولۇپمۇ، چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن كۆپرەك نەقىل كەلتۈرۈدىغانلىقىدا. جۇڭگو ئاخبارات تورى سەھنىسى شىنجاڭنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ھەر ساھەدىكى قابىللار شىنجاڭ ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتتى
ئەزىز مېھمانلار تەكشۈرۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ جاي - جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش ۋە كېڭەيتىش ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن چارە - تەدبىر ۋە ئەقىل كۆرسەتتى. «گۈزەللىك شىنجاڭدا» تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بارغانلا جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شۇ جاينىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشۋىقات، كېڭەيتىش ئىشلىرى ئۈچۈن تەكلىپ - پىكىر بەردى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تەكلىپ - پىكرى شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى چېڭ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۆمەك ئەزاسى شۇ گۇاڭۋۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرپ، «چېگرانى قوغدىغۇچى جەڭچىلەرنىڭ قايتىش سەپىرى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەملىكەت مىقياسىدا «شىنجاڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، چېگرانى قوغدىغۇچى جەڭچىلەرنىڭ ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش روھىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ئەل ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش تەكلىپىنى بەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر چاپچال ناھىيەسىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چاپچال ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يىۋېن قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، شۇ گۇاڭۋۇ، جۇ جيۇڭ، شې يۇخۇڭ قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار شىبەلەرنىڭ تەسىرلىك، شانلىق تارىخى، شۇنداقلا شىبەلەرنىڭ مىللىي تىل - يېزىق ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، «مۇھەببەت شەھىرى»، «جۇڭگونىڭ مۇھەببەت ئىلاھگاھى»نى بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بەردى ھەم تەپسىلىي تەسەۋۋۇرى ۋە پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىز تورى www.iz.la
تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى ئەزىز مېھمانلار ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خېشياڭ قاتارلىقلار قاراماي شەھىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، نۇرغۇن تەكلىپ بەردى. جۇ جيۇڭ ئۆزىنىڭ ياپونىيەنىڭ كۆبې شەھىرىگە ئوبراز ۋەكىلى لايىھەلەپ بېرىش تەسەۋۋۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، شەھەر نامىنىڭ بارلىققا كېلىش ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى قاراماي شەھىرىنىڭ ماركېتىڭ ۋاسىتىسى قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
مىكروبىلوگ شىنجاڭدىكىلەر بىلەن مەملىكەتتىكىلەرنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇردى
بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى ھەمتۈرتكىلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە مىكرو بىلوگ سەھنىسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىلدى، «شىنلاڭ» ۋە «تىڭشۈن» مىكروبىلوگىدا تېما مۇنازىرىسى سەھنىسى تەسىس قىلىندى ھەم تەڭرىتاغ تورىدا مىكرو بىلوگ بۆلىكى ئېچىلىپ، تور ئەھلىلىرى ئۆز ئارا ھەمتۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىنىپ، پۈتكۈل تور ئەھلىگە شىنجاڭ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، مەملىكەت دائىرىسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. مەملىكىتىمىزدىكى تور ئەھلىلىرى ئۆز ئارا ھەمتۈرتكە بولۇش ئاساسىدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، گۈزەل شىنجاڭ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە ئەزىز مېھمانلارنىڭ مىكروبىلوگ مەستانلىرىنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. مىكرو بىلوگىدا ئومۇمىي جەريان بىۋاسىتە تارقىتىلىپ، مەملىكەتتىكى تور ئەھلىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي، ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلدى، دېدى. ئىز تورى بەك ياخشى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!