شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئا...

ۋاقتى:2012-06-06 21:16مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

ئىز تورى بەك ياخشى

مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار يېقىندا مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بەس - بەستە خەۋەر قىلدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ جۇڭگونى زامانىۋىلىشىشقا يېتەكلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى - تاشقى مۇھىتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ۋە كەسكىن رىقابەتلەرگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قاتمۇ قات توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خىلمۇ خىل كىرىزىسلارنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ داۋاملىق ئېشىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئىز تورى بەك ياخشى

بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى توغرا، كۈچلۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتۇق، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تېزدىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئالدى بىلەن جانلىنىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەرىپلەشكە ئېرىشتى. دۆلىتىمىز ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى پەللىگە يېتىپ، خەلقئارادىكى ئورنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈلدى، تەسىرى يەنىمۇ كۈچەيدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق، شەھەر - يېزا، رايونلار، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىياتنى كۈنسېرى ماسلاشتۇردۇق، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن ئېچىۋېتىشنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردۇق، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك، يادرولۇق رولى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بېيجىڭ ئو ت م، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى، گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدۇق. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، سارس، قاتتىق يەر تەۋرەش، قار، مۇز، ئۈششۈك ئاپەتلىرى، ئېغىر قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇشتا بىر قاتار مۆجىزىلەرنى ياراتتۇق.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

بۇ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق نامايان قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ غايەت زور كۈچىنى كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى، بۇ تەجرىبىلەر تولىمۇ قىممەتلىك، ئىلھامى تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى.

www.iz.la

يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو ۋە دۇنيادا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى، تاشقى مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشنىڭ باشلىنىشىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بىلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئىچكى، تاشقى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، دەۋر تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ - چوڭ نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىش قاتارلىق چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرگە ئىجادىي جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان ئىلمىي تونۇشىنى نامايان قىلدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بويان، ۋاقىت ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، باش تېما ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، مەزمۇن ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە خەلقنىڭ قەلبىگە بارغانسېرى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ غەلىبە بىلەن ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

copyright by www.iz.la

ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تەرەققىي قىلىش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش كېرەك. تەرەققىي قىلىش ئۇسۇلى تەرەققىيات نىشانى ۋە نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېز بولدى، ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى روشەن كۈچەيتىلدى، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىشلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، خەلقنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى، خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى. سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ مەقسەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى داۋاملىق زورايتىلدى، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى تەدرىجىي ئورنىتىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى روشەن ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەمىز خەلقنى باشتىن - ئاخىر ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سۇبيېكتىپ كۈچ دەپ بىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقتىن مەسلىھەت ئالدى، خەلقنىڭ دەرد - ھالىنى ئىگىلىدى، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تاياندى، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. www.iz.la

ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ تەكشى، ماس، سىجىل بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىشتىمۇ ئوخشاشلا ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا مەركەز بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدى، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، يېزا، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلار پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھاياتىي كۈچ يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى. ئىز تورى www.iz.la

شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا، يۈكسەك بۇرچ بىزگە ھەيدەكچىلىك قىلماقتا. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق مۇھىم قۇرۇلتاي. دەۋر ئاتا قىلغان تەرەققىيات پۇرسىتىغا قارىتا، خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندا، بىز يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكىى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرسەكلا، بارلىق مۈشكۈلات، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بارلىق خەۋپ، خىرىسلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...