شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىغا قويغان 2015-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتىنى %48كە يەتكۈزۈش نىشانى ۋاقتى كەلگەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاھالىسىنىڭ يېرىمى شەھەرلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى بۇ نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتى %43.6كە يېتىپ، 2008-يىلىدىكىدىن 3.9 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
copyright by www.iz.la
تەبىئىي شارائىت ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 4 پىرسەنت پوئىنت، دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭكىدىن 12 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، رايون ئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پەرقى زور بولۇش، شەھەر - بازارلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەكشى بولماسلىق، مەركىزىي شەھەرنى يادرو قىلغان شەھەر چەمبىرىكى، شەھەر توپى(بەلبېغى) تەرەققىياتى بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاجىز، قۇرۇلمىلىق سۇ كەمچىل بولۇشتەك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋېتىپتۇ. شۇڭا شىنجاڭنىڭ بايلىق، مۇھىت شارائىتى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى ئەنئەنىۋى شەھەرلەشتۈرۈش يولىنى سىجىل داۋاملاشتۇرماستىن، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىشىمىزنى بەلگىلىدى.
يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش دېگەن نېمە؟
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش سىستېمىسى يىرىك پىلانى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو شەھەر پىلان - لايىھە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش بايلىق تېجەر، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندىن باشقا، مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىش − شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشى ئۈچۈن، شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتىنى جەزمەن ئۆستۈرۈشى كېرەك، شەھەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەندىلا، ھاللىق جەمئىيەتكە رەسمىي قەدەم قويغىلى بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىرىك پىلان بويىچە يول باشلاپ، ئىلمىي ئىلگىرىلەش لازىم مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى لى جيەنشىڭ مۇنداق دېدى: يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىشتا ئالدى بىلەن پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2010-يىلى 10-ئايدا شەھەر پىلانى قۇرۇلۇشى بويىچە مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە 30 شەھەر، ناھىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىرلىشىپ، ئالاقىدار شەھەر، ناھىيەنىڭ مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلىدى، شۇنداقلا تەكلىپ - پىكىر سۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش پىلانى تېخىمۇ جانلىق يولغا قويۇلۇپ، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ئىناق تەرەققىيات كارتىنىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ئاستا - ئاستا نامايان بولدى. ئىز تورى www.iz.la
ئون يىلدا بىر نەچچە مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىنىدۇ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زامانىۋى شەھەر ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كەسىپ تۈۋرۈكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو، شەھەر قۇربىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆز ئارا پايدىلىنىش، تىرەك بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك شەھەر ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئون يىلدا بىر نەچچە مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتىنى %43.7تىن ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مەركەز قىلغان چەمبىرەكنى مەملىكەت بويىچە مۇھىم شەھەر - بازارلار توپىدىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى خەلقئارالاشقان شەھەر، قەشقەر، غۇلجا - قورغاس، كورلىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.