بالىلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

ۋاقتى:2012-05-09 10:28مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

نۇسرەتگۈل ئۆمەر
   قەۋزىيەت بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، فۇنكسىيەلىك قەۋزىيەت بولۇپ، ياخشى پەرۋىش قىلىنسىلا ساقايتقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىرى، تۇغما خاراكتېرلىك ئۈچەي غەيرىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان قەۋزىيەت بولۇپ، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىقلا ساقايتقىلى بولىدۇ. ئادەتتە بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى فۇنكسىيەلىك قەۋزىيەتكە تەۋە بولۇپ، ئائىلىلەردىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
   1.ئوزۇقلۇقنى ئۆزگەرتىش. ئەگەر بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەت ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن بولسا، ئوزۇقلۇق مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارنى پات – پات ئېمىتىش، سۈنئىي بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان تەڭشەلگەن سۈتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   2.يېمەكلىك ئارقىلىق تالا ماددىسىنى تولۇقلاش. تالا ماددىسى ( سېلليۇلوزا) ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن باشقا مور (قېرىنقۇلاق)، موگۇ تۈرىدىكىلەر، سۇلۇ يارمىسى، دېڭىز قوغاژايى، لامنارىيە ۋە قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلاردىمۇ مول تالا ماددىسى ۋە مىنېرال ماددىلار بولغاچقا، ئۇلارنى بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزسە پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقلارغا تېخى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بېرىلمىگەن بولسا، قايناق سۇ ۋە كۆكتات سۈيىنى كۆپرەك ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بولسا، ئانىمۇ يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشىشى، كۆكتات، مېۋە ۋە قارا ئاشلىق يېمەكلىكىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. copyright by www.iz.la
   3.ئۈچەي پروبىئوتىكلىرىنى كۆپەيتىش. بوۋاقلارغا پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) دورىلىرىنى بېرىش، بولۇپمۇ تەركىبىدە قوش ئاچىلىق تاياقچە باكتېرىيەسى، سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى، ئۈچەي شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) لەرنى تولۇقلاش كېرەك.
   4. قورساقنى ئۇۋۇلاش. بوۋاقنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئوڭ ئالقان بىلەن بوۋاقنىڭ قورسىقىنى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلاش ۋە ئىتتىرىش كېرەك، ئۇۋۇلىغاندا بەك كۈچىۋەتمەسلىك، كۈندە ئىككى – ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
   5.تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بوۋاقلارنى ئۈچ – تۆت ئايدىن كېيىنلا قەرەللىك تەرەت قىلدۇرۇپ ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. چۈنكى دائىم تاماقتىن كېيىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ تەرەت قىستاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا تاماقتىن كېيىن بوۋاقنى تەرەت قىلدۇرۇپ، تەرەت قىلىشنىڭ شەرتلىك ئىنكاسىنى پەيدا قىلىش كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   6.مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش. قورساق مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۈچەيتىش قەۋزىيەتنى يوقىتىشقا پايدىلىق. مەسىلەن: ئاددىي ھالدىكى ئۆمىلەش، دومىلاش، زوڭزىيىش، بەدەننى ئالدى – ئارقىغا ئېگىش ياكى بەلنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىدۇ.
   7. مەقئەتنى قىسمەن غىدىقلاش. بارماقنى سوپۇن سۈيىگە ياكى بوۋاقلار مېيىغا چىلاپ بوۋاقلارنىڭ مەقئىتىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، مەقئەتنى غىدىقلاپ مەقئەتتىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللارنى بوشىتىپ تەرەت ماڭدۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
   8. دورا بىلەن داۋالاش. بوۋاقلار قەۋزىيەت دورىسىنى ئىشلەتسە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ساپ مالتوزىدىن ياسالغان بولۇپ، مالتوزىنىڭ ئاستا – ئاستا ئېچىتىش رولى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • تىل ئىلىنچىقى قىسىقا بالىلار ئېنىق سۆزلىيەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك

    ئادەم تىلىنىڭ ئاسىتى ئوتتورا قىسىمى بىلە نئېغىز ئاستىنىڭ ئارىلىقىدا بىر تال ئۇزۇنىسغا كەتكە ن ئىلىنچىق بار بولۇپ . بۇ تىل ئېلىنچىقى دەپ ئاتىلىپ ، تىلىنىڭ ھەركىتىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ . تىل ئىلىنچىقى بەك قىسقا بولسا ، تىل ئۇچىنىڭ نورمال ھەركىتىنى چەكلەپ ، تى...

  • نېمە ئۇچۇن بوۋاقلارنى سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرغاندا ئاسان ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ .

    6 ئايلىقىتىن تۆۋەن بالىلارنى ئانىسى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمگۈزەلمەي ، كالا ، قوي سۈتلىرىگە ئوخشاش ھايۋان سۈتى بىلەن ياكى باشقا سۈت مەسھۈلاتلىرى بىلە ن ئوزۇقلاندۇرۇش - سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇش دېيلىدۇ . كالا سۈتى ياكى سۈت پاراشۈكىلىرى كۆپۇنىچە ئانا سۈتى...

  • بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان 10خىل ئۇسۇل

    ئىشتىھاسىزلىق 10ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىى بولۇپ ، ئۇ ئومومەن كېسەللىك ئالامىتىدىن باشقا ، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى ۋە بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى مىكرو ئېلېمىنتلارنىڭ كەم بولۇشىدىن كېلىپ چ...

  • بالىنڭ تىلنى ئىتتك چىقىسۇن دېسىڭىز ........

    بالنىڭ تىلى چىقىماستا بەزى قۇشاقلارنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ، تىلى چىققاندىن كيىن باللار سىز ئۆگەتكەن قۇشاقلارنى ئوبدان ئېيتىپ بىرەلەيدۇ ، بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس بىر ياش ئەپچۆرسىدىكى بالىنڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزاسى يېخى يىتىلىمىگەن بۇلىدۇ ، لىكىن سىزنىڭ سۆزلىرى...

  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز

    1. بالىنى يۇمشاق سافا، كارۋاتتا ئۇخلاتماڭ.چۈنكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىنىڭ سۈڭىكى تېخى قاتمىغان بولغاچقا ، ئاسانلا شەكىل ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدۇ. 2.بالىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇخلاتماڭ. بۇنداقتا بالىنىڭ يېتىلىۋاتقان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ...

  • بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بول

         شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن تېلېگراممىسى. شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان يۈەنيۈەن قىشلىق تەتىلدە توردا ‹‹كارت›› ئاپتوموبىل ئويۇنى ئويناشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ھېيتلىق پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋەتكەندىن سىرت، ئ...

  • يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كېچىسى ئۇخلىماي ، كۈندۈزى ئۇخلىسا

    بۇنداق چاغلاردا ئاتا ئانىلار بالىلارنى كۈندۈزى قەستەن ئۇخلاتماسلىقى ياكى ئاز ئۇخلىتىشى زۆرۈز . كونكىرىتنى ئۇسۇل مۇنداق : كۈندۈزى بوۋاقنى ئاز ئەمدۈرۈپ ، ئۇنى يېرىم ئاچ ھالەتتە بېقىش ، تاپىنىنى غىدىقلاش ، قۇلىقىنى ئۇۋۇلاش ، بۇرنىنى چىمداش قاتارلىق ئۇسۇللار...

  • ئاتىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان بالىلار

          1958 – يىلى مارت ئېيىنىڭ مەلۇم بىر ھەپتىسى ئەنگىلىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇغۇلغان 17 مىڭ بوۋاقنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئالىملار شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ، 1965 – يىلىغا كەلگەندە ئۇلار بۇ بوۋاق...

  • بالىلاردىكى قان ئازلىقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

    ھۆرنىسا ئۆمەر      1. بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك. ئانا سۈتىدىكى تۆمۈر بىئولوگىكنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى كالا سۈتىدىن يۇقىرى. بوۋاق تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن تۇخۇم سېرىقى، جىگەر بوتقىسى، گۆش قىيمىسى، پۇرچاق ئۇنى، ئوبدان پىشۇر...

  • بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار بولسا ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسى

        ئىسپانىيىنىڭ كانتابرىيا دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بىر پائالىيەتتە ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنىڭ كۆز ساغلاملىق مەسلىسىنى بالدۇر بايقاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئ...