سانائەتتە ساياھەت، ساياھەتتە تاپاۋەت −ئاقسۇ ۋىلا...

ۋاقتى:2012-04-23 13:25مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىل چاغاندىكى ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 12 مىليون 610 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، يىل بېشىدىلا يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتى . ساياھەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق ھېچقانداق ھادىسە، ئەرز - شىكايەت كۆرۈلمىدى. ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى بولۇپ، جەمئىي 32 مىڭ كىشىنى كۈتۈۋالدى. قىشلىق قار - مۇز پائالىيىتى تېخى بىخ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئاقسۇدا قىشتىكى بىر ھەپتىلىك ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئېشىشى بۇ ۋىلايەتنىڭ يېقىنقى يىللاردا ساياھەتچىلىكنى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى ھالقىلىق تەدبىر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى نامايان قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەبىئىي ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، مەملىكەتلىك A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۆزىلا 20 گە يېتىدۇ . تەڭرىتاغ تۆمۈر چوققىسى ، تارىم دەرياسى ،تەكلىماكان قۇملۇقى ، كۇچا چوڭ كۆلى، قىزىليار جىلغىسى، باي قىزىل مىڭئۆيى، شايار ئىپتىدائىي توغراقلىقى ، ئونسۇ سىرلىق جىلغىسى، قىرمىشئاتا مازىرى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق بولۇپ، زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە، جەلىپكارلىققا ئىگە. يېقىندا مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان 3 - قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا، بۇ ۋىلايەتتە 673 ئورۇن «يۆتكەشكە بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى» دەپ بېكىتىلىپ، ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا يەنە يېڭى كۈچ قوشۇلدى . مەنزىرە نۇقتىلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، تارىخىي ئىزلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمە 2011-يىلى يىل بېشىدىلا «ساياھەتچىلىكتە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا پىكىر»نى تارقىتىپ ،ساياھەتچىلىكنى يۈكسەلدۈرۈش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ساياھەتچىلىكتە چوڭ كەسىپ، چوڭ بازار يېتىلدۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشاننىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى. ساياھەتچىلىكنى سانائەت تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقنى بېيىتىش، خەلقنى رازى قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشقا ۋە زامانىۋى ساياھەت مۇلازىمەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاقسۇنى ھاياتىي كۈچكە، جەلىپكارلىققا ئىگە ساياھەت سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تۇتۇش قىلدى. سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە ساياھەتچىلىكنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. بۇلتۇر ۋىلايەت يەرلىك مالىيەدىن ساياھەتچىلىك تەرەققىيات فوندىغا 14 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى ھەم ئۇنى يىلىغا %10 كۆپەيتىشنى بېكىتتى. نەتىجىدە بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن«ئاقسۇ 7 - نۆۋەتلىك دولان، كۈسەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» 6 - ئايدىن 10-ئايغىچە تۆت ئاي داۋاملاشتى. ئاقسۇ شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق مىللىي قول ھۈنەر سەنئىتى، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. توقسۇ ناھىيەسىدە توڭگۇزبېشى قەدىمكى شەھەر خارابىسى 1 - باسقۇچلۇق ساياھەت قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاندى ھەم يۈرۈشلۈك ساياھەت فوتوسۈرەت كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. كۇچا ناھىيەسى شىنجاڭ خەلقئارا يېمەك - ئىچمەك ساياھەت، مەدەنىيەت بايرىمى، باي ناھىيەسى 3 - نۆۋەتلىك قىزىل سۇ ئامبىرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۈزۈپ ئۆتۈش مۇسابىقىسى، شايار ناھىيەسى 2 - نۆۋەتلىك قورشاۋ شاھمات، خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسى، ئاۋات ناھىيەسى 4 - نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيەت - ساياھەت مۇسەللەس بايرىمى ئۆتكۈزدى. بۇ بىر قاتار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئۆستى، تەسىر دائىرىسى كېڭەيدى . ئاقسۇ شەھىرى دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ ، جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. كۇچا ناھىيەسى تور ئارقىلىق باھالاشتا «جۇڭگودىكى كىشىلەرنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان جاي» نامزاتلىقىغا تاللاندى. ئونسۇ تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى «دۆلەتلىك ئېكولوگىيە باغچىسى» قىلىپ بېكىتىلدى . شايار خەلقئارا توغراق باغچىسى «شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مەنزىرە رايونى»، باي ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «ساياھەتچىلىكتىكى كۈچلۈك ناھىيە» قاتارىغا كىردى . بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ تۈرتكىسىدە 2011-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3مىليون 70 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، 2010-يىلىدىكىدىن %22.31، يارىتىلغان ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى %19.76 ئاشتى. كۇچا ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يىللىق ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 400 مىليون يۈەندىن، باي ناھىيەسىنىڭ 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى . سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ، مۇلازىمەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بۇلتۇر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى 15 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلدى. ناھىيە (شەھەر) لەرمۇ ساياھەت تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جەمىئي 2 مىليون 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى . ئاقسۇ ۋىلايىتى يۇقىرىقى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ئاساسىدا بۇ يىل دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن 3 مىليون 970 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، بۇلتۇرقىدىن 26% كۆپەيتىش، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنى 1 مىليارد 396 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %25 ئاشۇرۇش؛ A2 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىدىن ئۈچنى، A3 دەرىجىلىك مەنزىرە نۇقتىسىدىن بىرنى، A4 دەرىجىلىك مەنزىرە نۇقتىسىدىن بىرنى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايدىن بەشنى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدىن بەشنى، ساياھەتچىلىك كوپىراتىپىدىن ئىككىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش نىشانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ۋەزىپە - كۆرسەتكۈچلەرنى يىل بېشىدىلا كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈردى . copyright by www.iz.la
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...