يېقىندا مۇخبىر يۈننەن ئۆلكىسى فۇنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا قول سائەت سېتىۋېلىش ھەققىدىكى مۇنداق بىر ئېلاننى كۆردى، ئۇنىڭدا شاڭخەي ماركىلىق مېخانىكىلىق سائەتتىن 978 نى سېتىۋالىدىغانلىقى ئېيتىلغان شۇنداقلا سائەت ئۈستىگە «فۇنىڭ ناھىيەلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەشىنچى يىغىن خاتىرىسى»،«فۇنىڭ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى بەشىنچى يىغىنى خاتىرىسى» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان بولۇشى كېرەك دېيىلگەن ئىدى، سېتىۋالغۇچى كىشى يەنە: ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە خاتىرە بۇيۇم تارقىتىش نورمال ئىش، بىز ھەر يىلى مۇشۇنداق قىلىمىز دېگەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
يىغىندا خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىش ئەمەلىيەتتە يېڭى ئىش ئەمەس، رىيال ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىككى يىغىن ياكى باشقا مەمۇرىي يىغىنلاردىلا ئەمەس، كارخانىلار ئاچقان يىغىنلاردىمۇ خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىلىدۇ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، فۇنىڭ ناھىيەسىنىڭ ئىككى يىغىن خاتىرە سائىتى ناھايىتى نورمال ئىشتەك قىلىدۇ، سائەت ياكى باشقا نەرسە تارقاتمىسىمۇ يىغىننىڭ ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ناتايىن، ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمىمۇ: ھەر ئىككى يىلدا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقى، ئۆتكەن يىلى يوتقان دېگەندەك نەرسىلەرنى تارقاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. copyright by www.iz.la
پات يېقىندا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان «دۆلەتنىڭ يىغىن كۆك تاشلىق كىتابىدا» مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە جۇڭگودا ھەر يىلى ئېچىلىدىغان يىغىنلار نەچچە ئون مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇلار شىركەت يىغىنى، ھۆكۈمەت يىغىنى، كەسپىي ئورۇنلار يىغىنى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يىغىنى دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ، يىغىننىڭ ئىقتىسادىي مەھسۇلات قىممىتى بىر تىرىليون يۈەنگە يېتىدۇ، شەك شۈبھىسىزكى، ئەگەر ئىككى يىغىن سائىتى دېگەندەك يىغىن خاتىرە بۇيۇملىرى بولمىسا، تىرىليون يۈەنگە يېقىن يىغىن ئىقتىسادى مەھسۇلات قىممىتى نەدىن كېلىدۇ؟ يىغىن ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك كەيپىياتقا ۋە ئاشكارا ئىجرا قىلىنىدىغان يوشۇرۇن قائىدىگە ئايلىنىپ قالغاندا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئىككى يىغىن سائىتى قارىماققا كىشىنىڭ ئىچىنى سىېرىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر قەدەم كۈچلۈك مەۋجۇتلۇق ئاساسى بار.
شۇڭا مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى نامرات ناھىيەنىڭ يىغىندا قول سائەت تارقىتىشىنىڭ نورمالسىزلىقىدا ياكى 600 يۈەنلىك قول سائەت تارقىتىپ ئىسراپچىلىق قىلغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئىككى يىغىن خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىش باھانىسىدا ھۆكۈمەت پۇلىنى خالىغانچە بۇزۇپ چاچقانلىقىدا، ھۆكۈمەت پۇلىنى ھەددىدىن زىيادە بۇزۇپ چېچىشقا بولغان ئۈنۈملۈك نازارەتنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا، پەقەت يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارغا تارقىتىلىدىغان خاتىرە بۇيۇمى ئۈچۈن 600 نەچچە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كەتكەن يەردە ، ئىككى يىغىننىڭ بارلىق جەريانلىرىغا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز، ئاممىۋى مالىيە، ھۆكۈمەت يىغىن خىراجىتى خامچوتى ۋە چىقىمى ئەسلى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ قاراپ چىقىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئىككى يىغىن خاتىرە بۇيۇمى بولغان قول سائەتنى تاقىۋالغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئاۋازى بېرىشكە پېتىنالارمۇ؟ www.iz.la
ئىككى يىغىن ئەسلى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سەھنە، ۋەكىللەرگە قىممەت خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىش يىغىننى ئالاھىدە پارۋانلىق تۈسىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ، بۇ شۈبھىسىزكى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىن نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا توغرا كەلدى، باھاسى قىممەت مۇشۇنداق ئىككى يىغىن قول سائىتى ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ئارزۇسىغا تەسىر كۆرسەتمەسمۇ؟ بۇ ئورۇنسىز ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ، نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى مەزگىلىدە ۋەكىللەرگە خالىغانچە خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بۇيرۇق چىقاردى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەگەر نامرات رايوننىڭ ئىككى يىغىن خاتىرە سائىتى تارقىتىش ئاممىۋى مالىيەدىكى خالىغانچە ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى دېيىلسە، ئۇنداقتا باشلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى بۇنىڭ نەتىجىسى، بۇنداق سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى بىزگە مالىيەنى ئاشكارىلاش ۋە ھوقۇقنى ئامما نازارەت قىلىشنىڭ جىددىي ئىش بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.