داغ بىلەن سەپكۈن تېرىسى مايلىق كىشىلەردە كەمدىن-كەم كۆرۈلىدۇ،لېكىن تېرىسى قۇرغاق ۋە زىيادە سەزگۈر كىشىلەردە خېلى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1.مېۋە ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ،ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ،قاننىڭ ئايلىنشىنى ئىلىگىرى سۈرىدۇ،ماددا ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىدۇ،تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ،تېخىمۇ پارقىرىتىدۇ،بۇلاردىن باشقا،تاماق يېگەندە،كۆكتات شورپىسىنى،تاماقتىن كېيىن چاينى كۆپ ئىچىپ بەرسىمۇ بەدەندىكى ئارتۇق تۇزنىڭ چىقىپ كېتىشگە پايدىلىق.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
2.تېرىسى ئاق،يۇمران خانىم-قىزلارغا ئاسانلا سەپكۈن چۈشىدۇ،قىسقىسى،سېرىق قوڭۇر داغ بىلەن سەپكۈننى داۋالاش ئاسان ئەمەس،ئەمما،بەرداشلىق بېرىپ،ئەستايدىل ئىش كۆرىدىغان بولساق ساقايتىقىلى بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3.سىرتتا پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا،گىرىملىرىمىزنىڭ بۇزۇلغان جايلىرىنى تۈزەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا بەزى خانىم-قىزلار ئاۋارىچىلىكتىن قورقۇپ،قول بارمىقىنى لەۋ سۇرۇخقا تەگكۈزۈپلا مەڭزىگە سۈركىۋالىدۇ.بۇ تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش،بىلىپ قويۇڭكى،لېۋىڭىزمۇ،مەڭزىڭىزمۇ يۈزىڭىزمۇ بولغىنى بىلەن،ئۇ ئىككىسىنىڭ ھۈجەيلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.لەۋ سۇرۇخنى مەڭزىڭىزگە سۈركىۋالسىڭىز كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاسان سەپكۈن چۈشۈپ قالىدۇ.
4.يۈزىڭىزگە سېرىق قوڭۇر داغ،سەپكۈن چۈشىسە،يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىغاندىن سىرىت،تېرىڭىزنى ئاسىراشقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.يۈزىڭىزنى يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا يۇغاندا چىققان ماغزاپنى داغ،سەپكۈن چۈشكەن ئورۇنغا بىر قانچە قېتىم سىلىق سۈركەپ،ئاندىن ئىلمان سۇدا چايقىۋەتسىڭىز بولىدۇ،يۈز مېيىغا يۈرۈشلۈك ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەتسىڭىز داغ بىلەن سەپكۈن يېنىشىدۇ.
مەنبە؛خانىم-قىزلار گۈزەللىك دەستۇرى