سۈپتى ئۆزگىرىپ كەتكەن گىرىم بويۇملىرىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماسلىق،گىرىم بويۇملىرىنىڭمۇ يېمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا ئىشلىتىش ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ.ناۋادا بۇلغىنىپ قالسا،ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.شۇڭا،گىرىم بويۇملىرىنى ھەر يېرىم يىلىدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك،بۇلۇپمۇ كىرىپك مەلھىمى بىلەن كۆزگە ئىشلىتىدىغان سۇيۇق گىرىملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.ئۇپا ھەم سۇيۇق ھالەتتىكى بويۇملارنىمۇ يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.لەۋ گىرىمىنى بىرەر يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن رەڭگى ئاسانلا ئۆزگىرىپ قالسا،دەرھال تاشلىۋېتىش ھەم قايتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
مەنبە؛خانىم-قىزلار تۇرمۇشى
ئىز تورى www.iz.la