ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتىنىڭ دائىرىسى پەقەت يول قاتنىشى ۋە دېڭىز قاتناش تىرانسىپورتى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈر يولدا كۆرۈلگەن ھادىسىگە ئائىت جىنايەتلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدا مەخسۇس ماددا قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ جىنايەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش لازىم: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
1. قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن قاتناش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ قەستەن قاتىللىق قىلىش ياكى زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىنىڭ چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك.
2. غەيرىي موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ، قاتناش تىرانسپورت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە قاتناش تىرانسپورتنى باشقۇرۇشقا ئائىت قائىدە-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشى ياكى جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ زور زىيانغا ئۇچراتقاندىلا ئاندىن بۇ خىل جىنايەتنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ.
3. قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلاردىن قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن باش تارتىپ، زىيانلانغۇچىنى ھادىسە تۇغۇلغان مەيداندىن ئاچىقىپ كېتىپ، يوشۇرۇپ ياكى تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلماي ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ئېغىر مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ياكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
ئىز تورى بەك ياخشى
4. قاتناش ھادىسىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئورۇننىڭ مەسئۇل خادىملىرى، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئىگىلىرى، ھۆددە ئالغۇچىلار ياكى ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇچىلاردىن ھادىسە پەيدا قىلغۇچىنى قېچىپ كېتىشكە كۈشكۈرتۈپ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزۇلماي ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىدىكى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش لازىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
5. ئورۇننىڭ مەسئۇل خادىملىرى، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئىگىلىرى، ھۆددە ئالغۇچىلار باشقىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەشكە كۆرسەتمە بېرىپ، زورلاپ، زور قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرسا، ئۇلارنى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
6. ئاممىۋى قاتناش باشقۇرۇش دائىرىسىدە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 133-ماددىسى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاتناش ھادىسىسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاممىۋى قاتناش باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ ياكى باشقا قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ ئادەم ئۆلۈشنى پەيدا قىلغانلار ياكى جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 134-،135-،233-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!