ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى سالدۇرغان ئاياللارغا مەسلىھەت

ۋاقتى:2011-11-05 11:29مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

ھامىلىدارلىقىتىن ساقلىنىش ئۈزۈكنى ئىشلىتىش نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ كەڭ قوللىنىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ،بۇ خىل تەدبىرنى قوللانغان ئاياللارنىڭ بەزىلىرىدە روھىي جىددىيلىك،نېرۋا ئاجىزلىق،ھارغىنلىق،پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش،ئاق خۇن كۆپىيىش،بەل ئاغرىش ۋە قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ،ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى روھىي ۋە جىسمانىي ئازابنى پەيدا قىلىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ئاياللار(ئۈزۈك ياقمىدى)دەپ قارا،ئۇنى ئالدۇرۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن (ئۈزۈك ياقماسلىق)نىڭ سىرىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھازىر ئىشىلتىۋاتقان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكلىرى ئاساسەت مېتال ياكى سۇلىياۋدىن ياسىلىدىغان بولغانلىقىتىن،بەزى ئاياللار ئۇنى ئىشلەتكەندە،جىنسىي ئەزا توقۇلمىلىرىنمى غىدىقلاپ،بالىياتقۇ شىللىق پەردىلىرىنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى نورمال ئۆزگىرىشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ھەيز كۆپ كېلىش،ھەيز كۆرۈش ۋاقتى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.بۇنداق  چاغدا بەدەندىكى قان ئىشلەش توقۇلمىلىرى(ئەزالىرى)يوقالغان قان مىقدارىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ كېتەلمىگەنلىكتىن،مەلۇم ۋاقىتلاردىن كېيىن قان ئازلىقىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە پۈتۈن بەدەن توقۇلمىلىرىغا ئوكسگېن يېتىشمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ ھەمدە كىسلاتا مەنبەلىك ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ قارشىلىق (ئىممۇنتېت)كۈچى تۆۋەنلەپ،يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.دېمەك،قبۇ يەردىكى مەسلىنىڭ تۈگۈنى-قان ئىشلەش ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتى بەدەننىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالىغانلىقتىن ئىبارەت،بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر بەدەندە قان ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىدىغان خام ئەشيالار تولۇقلانسا،(ئۈزۈك ياقماسلىق)مەسلىسىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ،ئۇنداقتا،قان ئىشلەشكە لازىملىق خام ئەشيا زادى قايسىلار؟بۇ مەسلىگە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن دەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى،بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى قان ئازلىق پەقەت بەدەندە قىزىل قان ھۈجەيلىرىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.قىزىل قان ھۈجەيلىرىنىڭ بىرىكىشى ئۈچۈن ئاساسلىقى ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسى لازىم بولىدۇ،شۇنداقلا بۇ خىل ھالەتنى پەقەت ۋىتامىنB12دىن ئىبارەت مۇھىم ماددا ئىلىگىرى سۈرىدۇ.ئۈزۈك سالدۇرغان ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان قان ئازلىق تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىك تىپىدىكى قان ئازلىققا تەۋە بولغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل قان ئازلىق ئاستا-ئاستا پەيدا بولىدىغان،يېنىكرەك ئۆتىدىغان بولغاچقا،تەركىبىدە ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر بۇ خىل كەملىكىنى تولۇقلىيالايدۇ.يەنى،ئادەتتە يېڭى گۆش،بېلىق،تۇخۇم،پۇرچاق،دىسى كۆپرەك بولىدۇ؛ئالما،ئانار،نەشپۈت كۆك ئامۇت،پالەت قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولىدۇ؛ئالما،ئانار،نەشپۈت،كۆك ئامۇت،پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ۋىتامىنB12كۆپ بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىقىتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى سالدۇرغان ئاياللار ئادەتتە ياخشى ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەندە باشقا،ھەر قېتىملىق ھەيزىدىن ئىلىگىرى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئستېمال قىلىپ بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى،شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا داۋاملىق تۆمۈر قازاندا تاماق ئېتىشكە ئادەتلىنىشى،ئەگر بەدىنىدە قان ئازلىق ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا،دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكدە،مۇۋاپىق مىقداردا تۆمۈر ماددىسى ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىشى،ئۈزۈكنى ئالدۇرۋېتىشكە قارىسىغىلا ئالدىرىماسلىقى كېرەك. ئىز تورى www.iz.la

مەنبە؛خانىم-قىزلار تۇرمۇشى

ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
60%
ئالقىشلايمەن
(2)
40%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • كىلىنلەر ئەخلاقى

    كېلىنلەر ئەخلاقى كېلىن قېيىئاتا،قېينئانىسى،ئېرى،ئۇنىڭ قېرىنداش،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىشى كېرەك. كېلىن ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتكە دېققەت قىلىشى كېرەك. كېلىن شەرمىي-ھايالىق ،ئىپپەتلىك بولۇشى كېرەك. كېلىن كەڭ قورساق،سەۋىر-تاق...

  • قىزلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ قۇيۇڭ

    بىر ئادەم ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىن سىرت،يۈرۈش-تۇرۇش تاشقى قىياپەت جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بولۇپمۇ قىزلار بۇ جەھەتلارگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى ئەۋزەل خاراكتېرى ۋە تاشقى قىياپىتى ئارقىلى...

  • ھامىلىدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچىمەسلىكى كېرەك

    ...

  • ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك

       كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھامىلدار ئاياللار ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق، بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېلېكتىر ماگىنت دولقۇنى ۋە ئېلېكتىر ماگىنت مەيدانى پەيدا قىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، ھامىلىدار ئاياللار...

  • چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

    چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى گېرمانىيە - قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان . بىرۇنېي - چارتال...

  • قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

    قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئاپتورى: ئالىيە جېلىل ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىدىمۇ بىر قاتار ئىسلاھاتلار بولدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇ...

  • گۈزەل بولاي دېسىڭىز...

      دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا...

  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...