مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جەۋھەر مىجىتتىن ئىگىلىشىچە، يازدا بوۋاقلاردا تاز تەمرەتكىسى، سېرىق قاقاچ، يىرىڭلىق قاپارتقۇ، زاكىدىن بولىدىغان تېرە ياللۇغى، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولىدىغان تېرە ياللۇغى، ئىسسىقلىق، ھۆل تەمرەتكە، جىددىي خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە زاكىنىڭ ياللۇغ پەيدا قىلىشىدىن بولىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىكەن. ئاتا-ئانىلار زاكىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپەتلىك يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇپ تۇرۇش، ئازادە، يۇمشاق، پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كەيدۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
ئىز تورى www.iz.la
ناۋادا بوۋاقلاردا تېرە قىزىرىش، شەلۋەرەشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن يۇغاندىن سىرت، ئىسسىقلىق ھەم ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش، ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش زۆرۈر ئىكەن.
‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن