چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھۆكۈمران سىنىپ يەنىلا جۇڭگو زېمىنىنى ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ كۈچ قۇدرىتىدىن مەغرۇرلىنىۋەردى. لېكىن سانائەت ئىنقىلابى بىلەن قەد كۆتۈرگەن ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىلغار پەن-تېخنىكا، ئىلغار قورال-ياراققا تايىنىپ جۇڭگوغا ھۇجۇم قوزغىدى. چىڭ سۇلالىسى ئارمىيەسى مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىختىيارسىز ھەربىي ئىشلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. لېكىن 800 مىڭ ھەربىي قوشۇنىغا ئىگە چىڭ سۇلالىسى ئارمىيەسى نېمە ئۈچۈن ۋۇچاڭ قوزغىلىڭىنى قوزغىغان جەڭگىۋار كۈچكە يولۇقتى؟ نېمە ئۈچۈن يېڭى باشقۇرۇش شەكلىگە ئىگە يەرلىك قۇراللىق كۈچلەر خانلىقنى قوغدايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئىچكى قارشىلىققا دۇچ كەلدى؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
كونا ئارمىيەنىڭ چىرىكلىشىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتتى. 1911-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋۇچاڭدا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوق سادالىرى ياڭرىدى. قوزغىلاڭ قىلغان ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ئىككى مىڭدىن ئاشمايتتى، بۇ چىڭ خاندانلىقى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە زور ئىش ئەمەس بولمىسىمۇ، بىراق بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 10نەچچە ئۆلكە چىڭ خاندانلىقىغا قارشى تۇرۇپ مۇستەقىل بولۇشنى جاكارلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەيشىنجۆلو خاندانلىقى ئەسكىرى كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرماقچى بولغان بولسىمۇ ،لېكىن ئەسكەرلىرى كارغا كەلمىدى.
copyright by www.iz.la
چىڭ خاندانلىقى ئۇزۇن مەزگىل غەزىنىدىن ئاجراتقان خىراجەتنىڭ يېرىمى بىلەن باققان سەككىز بايراق ، يېشىل لاگېر قىسىملىرى قەيەرگە كەتتى؟ نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۆلكىلەرنىڭ ئارمىيە ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قارشى چىقىدۇ؟ 270 يىلدىن كۆپرەك ھۆكۈمەت سۈرگەن چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭ قۇرۇت يېگەن قاسراققا ئايلىنىپ قالغانلىقىدا. ئارمىيە ھاكىمىيەتنىڭ تۈۋرۈكى. بۇ تۈۋرۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە تامامەن چىرىكلىشىپ كەتتى. 1851-يىلى تەيپىڭ تىيەنگو دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسىدا ئىككى خىل ئارمىيە يەنى بىر خىلى مانجۇ مىللىتىدىن مىراس قىلغان سەككىز بايراق قىسمى، يەنە بىر خىلى خەنزۇلاردىن تەركىب تاپقان يېشىل لاگېر قىسمى بار ئىدى. بۇ قىسىمدا جەمئىي 800 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇلار ۋارىس قىسىملار بولۇپ، سەككىز بايراق بىلەن يېشىل لاگېر قىسمىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئوردا قاتتىق كونترول قىلاتتى. سەككىز بايراق قىسمىغا ئالاھىدە بېقىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.ئۇلار تۇغۇلۇشى بىلەن بىر ئۈلۈش ئوزۇقلۇق ھەم تەييارغا ھەييار بولاتتى. ئوقيا ئېتىش، ئات مىنىشنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇلار يېڭىچە قۇراللارنى ئىشلىتەلمەيلا قالماستىن، كونىچە قوراللارنىمۇ ئىشلىتەلمەيتى. يېشىل لاگېر قىسىملىرى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى سودا ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى،جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
سەككىز بايراق قىسمى چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە زاۋالغا يۈزلەندى، يېشىل لاگېر قىسىمى يىمىرىلدى. خۇنەن ئارمىيەسى، خۈەي ئارمىيەسى قاتارلىق يەرلىك قۇراللىق كۈچلەر باش كۆتۈردى. بۇ ئوردا كونترول قىلىدىغان ئارمىيەنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىپ، پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھاكىمىيەتنىڭ ئىشەنچلىك تىرىكى تەۋرىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەككىز بايراق قىسمى، يېشىل لاگېر قىسمى بۇ ۋاقىتتا لاگېردا تۇرماي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇردى. ئۇلار قوشۇنغا تامامەن ئوخشىمايتتى. قىسمەن ئامباللار بۇ نەچچە يۈز مىڭ يارامسىز ئەسكەرنى بېقىشقا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىمىز دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى قاتلامدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلغاچقا، بۇ كېرەكسىز قوشۇننى قىسقارتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئوردىنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنى كارغا كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. پادىشاھ شىيەنفېڭ زېڭ گوپەننىڭ مەبلەغ سېلىپ يۇرتىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىشىغا قوشۇلدى. بۇ شەخسى قوشۇن خۇنەن قوشۇنى دەپ ئاتالدى. خۇنەن قوشۇنى قورۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، لى خوڭجاڭمۇ خۈەي ئارمىيەسىنى قۇردى. زوزۇڭتاڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى خۇنەن قوشۇنىنى قۇردى. كۆپلىگەن ئۆلكىلەرمۇ شەخسى قوشۇن قۇردى. گەرچە تەيپىڭ تىيەنگودىن دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت ئىسيانچىلار باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودا ئەمەلىيەتتە مىللىي تارسىت قۇراللىق كۈچلىرى شەكىللىنىش ۋەزىيىتى بارىلىققا كەلگەنىدى. چىڭ خاندانلىقى قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قىلىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈۋېلىش ئاجىزلىشىپ قالغان ھامان، يەرلىك مىللىي تارىسلارنى كونترول قىلىش تەسكە توختايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
ھەربىي ئىشلار جەھەتتە مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان ۋە ئىچكى قىسمى مادارسىز ئوردا ھوقۇقنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنگە چۈشۈردى. ھۆكۈمرانلار ھەتتا ھەر قايسى خەنزۇ مىللىي تارىستلار ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولىغا تايانغاندىلا ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالاتتى. دەل مۇشۇ پەيتتە شىنخەي ئىنقىلابى چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئېغىر زەربە بەردى. بۇ چاغدا مىڭ يىلدىن ئارتۇق فېئودال خاندانلىقنىڭ ئۈزۈل كېسىل يىمىرىلىشىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغانىدى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1911-يىلى 10-ئايدا ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كىيىن، چىڭ سۇلالىسى باستۇرۇشقا بۇرۇق قىلغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلار ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ تۇردى. ئۇلار ئوردىدا چوڭ ئىش تەۋرىسىلا بىر بىرلەپ مۇستەقىللىق جاكارلاشنى كۆزلەۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا جەنۇبى جۇڭگودىكى ئىنقىلاب پارتىيەسى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. شىمالىي جۇڭگودىكى يۈەن شىكەي ئوردىغا قىستاپ كەلدى. بۇ چاغدا چىڭ خاندانلىقىنىڭ كارغا كېلىدىغان قىسمى بولمىغانلىقتىن ئورنىنى بوشىتىپ بېرىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.
copyright by www.iz.la
دېمەك، چىڭ خاندانلىقىنىڭ شىنخەي ئىنقىلابى بىلەن تېزلا غۇلىشىدا ئاساسلىقى كونا قوشۇن چىرىكلىشىپ ئۇرۇش قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. يېڭى مىللىي تارىستلارمۇ خادانلىقتىن ۋاز كەچتى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!