ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئېتوئو يەنە ئىنتېر مىلان كوماندىسىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىنكەن

2011-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
          ئىتالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەدە توپ تېپىۋاتقان داڭلىق پۇتبول ماھىرى ئېتوئو بۇ يىل قىشتا ئىنتېر مىلانغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىنكەن.

    ئېتوئو يېقىندا ئىنتېر مىلان كوماندىسىنىڭ خوجايىنىغا تېلېفون قىلىپ: سىلەر يەنە ماڭا مۇھتاجمۇ؟ ئەگەر مەن سىلەرگە ئەسقاتىدىغان ئىش بولسا ئىتالىيەگە قايتىپ سىلەر ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي توپ تېپىپ بەرسەم بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىنتېر مىلان كوماندىسىغا ياردىمىم تىگىپ قېلىشى مۇمكىن،-دەپ تەكلىپ بەرگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 5- نويابىر ئاخىرلىشىدىكەن، كېلەر يىللىق مۇسابىقە 3-مارت باشلىنىدىكەن. بۇ نەچچە ئاي ۋاقىت دەل ئىتالىيەنىڭ مۇسابىقىلىرى ئەڭ كۆپ ۋاقىت بولۇپ، ئېتوئو يېڭى يىللىق  رۇسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىشقىچە بولغان نەچچە ئاي بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئىنتېر مىلان كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ كوماندا ئۈچۈن ئىككى ئايغا يېقىن مۇسابىقە ئويناپ، رۇسىيەدە مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن يەنە رۇسىيەگە قايتىشنى ئويلىغان. 

    ئېتوئونىڭ قايتىپ كېلىشى ئىنتېر مىلان كوماندىسىغا خېلى پايدىسى تېگىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەنگىلىيە ماھىرى بېكھاممۇ مۇشۇ شەكىلدە AC مىلان كوماندىسىغا ئىككى قېتىم مۇسابىقە ئويناپ بەرگەن بولۇپ، نەتىجىسىمۇ خېلى ياخشى بولغانىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!