شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى: 11–ئۆكتەبىر، ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ رەھبىرى ئايمان زاۋاھىرىنىڭ سۆز قىلغان سىنئالغۇ لېنتىسى ئېلان قىلىنغان، سىنئالغۇ لېنتىسىدا ئۇ قوللىغۇچىلىرىنى ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىپ، ئامېرىكىغا ‹‹ دەم ئېلىش ›› پۇرسىتى بەرمەسلىككە چاقىرغان .
ئامېرىكا 5–ئايدا پاكىستاندا ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ رەھبىرى بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مۇئاۋىن باشلىق زاۋاھىرى ‹‹ خوجايىن ›› بولۇۋالغان. ئۇ تور ئارقىلىق نۇرغۇن سىن لىنتىسىنى تارقىتىپ ، قوللىغۇچىلىرىنى بىن لادېننىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيە تەرەپنىڭ قارىشىچە، زاۋاھىرى پەقەت ‹‹ ئاغزىدىلا شەھەر ئالالايدىكەن ››، ئەمەلىي جەڭ قىلىش تەجرىبىسى كەمچىلكەن.