1. بالىلارنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، تاماق تاللاتقۇزماسلىق كېرەك . سىرتتىكى پائالىيەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش ، مۇزلاپ قالارمىكىن دەپ ئىشىك- دېرىزىلەرنى دائىم ھىم ئېتىۋالماسلىق ، تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ، شۇنداق قىلغاندىلا بالىلارنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ .
2 . كېلىمات ئۆزگىرىشىگە دېققەت قىلىپ ، كىيىملىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ ، كىيىم بىلەن ئۇخلاتقۇزماسلىق كېرەك . قىش پەسلىدە ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ ، ئۆيدىن چىققاندا ياكى ئۆيگە كىرگەندە كىيىمنىڭ قېلىن - نېپىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش ، كېچىدە يوتقاننىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ، ئادەتتىكى چاغلاردا كىيىمىنى بەك قېلىن كىيگۈزۈپ قويماسلىق كېرەك . چۈنكى بالىلاردا ماددا ئالمىشىش كۈچلۈك ، ھەركەت مىقدارى كۆپ بولغاچقا ، چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقىمۇ كۆپ بولىدۇ . مۇبادا ، بەك قېلىن كىيدۈرۈپ قويسا بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق سىرتقا چىقىپ كېتەلمەيدۇ -دە ، كۆپ تەرلەپ ئىچ كىيىمى نەملىشىپ تېزلا مۇزلايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاسانلا زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ . بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى ۋاقتىدا يەڭگۈشلەپ تۇرۇش كېرەك .
قىش پەسلى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئاسان قوزغىلىدىغان پەسلى بولغاچقا ، بالىلارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز ئېلىپ بېرىش كېرەك . ئائىلىدە زۇكام ياكى يۆتىلىپ قالغانلار بولسا يېقىنلاشتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ ئېمىۋاتقان بوۋاقلار بولسا ، زۇكامداپ قالغان ئائىلە ئەزالىرى ئەڭ ياخشىسى بوۋاققا يېقىنلاشقاندا ماسكا تاقىۋېلىشى كېرەك .
3. ھۇجرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ ، ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى يېرىم سائەت ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك . شۇنداق قىلغاندا كۆپلىگەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار ھاۋادا تازىلىنىپ كېتىدۇ .
www.iz.la
4. سوغۇققا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك . پات- پات يۇيۇندۇرۇپ ، ئىچ كىيىملىرىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك . سوغۇق سۇدا يۈزىنى ، ئىسسىق سودا پۇتىنى يۇيۇش ، تېمپېراتۇرا پەرقىدىكى كۈچلۈك ئۆزگۈرۈشتىن پايدىلىنىپ ئورگانىزملارنى غىدىقلاپ بەرگەندە ، بالىلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، نەپەس يولىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
5 . راخت ، قان ئازلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . سەۋەبى ، بۇ خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا نەپەس يولىدىكى يېپىشقاق پەردىنىڭ قارشىلىق كۈچى بەك ئاجىز بولىدۇ ، شۇڭا ئاسانلا نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6. تۈرلۈك ۋاكسىنىلارنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئەملىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
پولات ئامانيار تەرجىمىسى