گىرىم بويۇملىرىدىكى مەلۇم تەركىبلەرنىڭ تەسىر قىلىشى تۈپەيلى تېرە ھۈجەيرىلىرىدە ئانتېتېلار ھاسىل بولغانلىقتىن تېرە زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ،گىرىم بويۇملىرىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ،گىرىم بويۇملىرىدىن بولغان تېرە كېسەللىكلىرىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ،تېرىنىڭ زىيادە سەزگۈرلىشىشى دېگىنىمىز،ئاشۇ تېرە كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر،تېرىسى زىيادە سەزگۈر كىشىلەر يەنە بىر خىل يېڭى گىرىم بويۇمىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم سىناپ كۆرۈش كېرەك.بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىش،نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ ئىشقا سەل قارىغانلىق تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك پۇشايمان يەيدۇ،تېرىسى زىيادە سەزگۈر كىشىلەر گىرىم بويۇملىرى رېئاكسىيە بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،گىرىم بويۇملىرىنى يۈزىگە بىۋاستە سۈركىمەي،ئاۋۋال كىچىك دائىرىدە سىناپ كۆرۈش كېرەك.ئەگەر يۈزى قىزىش،قىزىرىش،قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە،ھەر قانچە قىممەت گىرىم بويۇملىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك.روشەنكى،بۇ گىرىم بويۇمى تەركىبىدە تېرىڭىزگە ماس كەلمەيدىغان خۇشبۇي ماددا،ماي،ئاكتىپلاشتۇرۇش دورىسى قاتارلىقلار بار.
گىرىم بويۇملىرىنىڭ تېرىگە رېئاكسىيە بېرىش-بەرمەسلىكىنى سىناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىني؛دىستىلەنگەن سۇغا ياكى فىزىئولوگىيلىك تۇز سۈيىگە داكىنى چىلاپ،چالا-بۇلا سىقىۋېتىپ بىر كۋادرات سانتېمىتىر چوڭلۇقتا تۆت قەۋەت قىلىپ قاپلانغان داكا بىر يۈزىگە گخرىم بويۇمى سۈركىگەندىن كىيىن،بىلەكنىڭ ئالدى ياكى ئارقىسىدىكى تېرىسى نۇرمۇل ئورۇنغا گخرىم بويۇمى سۈركەلگەن يۈزىنى تېرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ،ئۈستىگە بىر يېرىم كۋادرات سانتېمىتىر چوڭلۇقتىكى ئەينەك قەغەز ياكى نېپىز سۇلياۋ قويۇپ پلاستىر بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ۋە 24-48سائەت كۆزىتلىدۇ.ئەگەر داكا تېڭىلغان ئورۇن قاتتىق قىچىشىسا ياكى كۆيۈپ ئاغرىسا گىرىم بويۇمى تېرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ،يەنى رېئاكسىيە بەرگەن بولىدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا تېڭىقنى دەرھال ئېلىۋېتىپ،سىناق قىلىغان ئورۇننى سۈزۈك سۇدا پاكىز يۇيۇۋېتىش لازىم،ئەگەر سىناق قىلىنغان ئورۇندا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىسە،گىرىم بويۇمى تېرىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن،بىخەتەر بولغان بولىدۇ،ئەگەر قىزارغان،قىچىشقانلار بولسا،سەل-پەل مۇسپىي رېئاكسىيە بەرگەن بولىدۇ،قىزىرىپ ئىشىشىغان،ئەسۋە چىققان،سۇلۇق قاپارغان بولسا،خېلى ئېغىر رېئاكسىيە بەرگەن بولىدۇ،چوڭ دائىردە سۇلۇق قاپارغان،ھەتتا نېكروزلانغان بولسا،كۈچلۈك مۇسپىي رېئاكسىيە بەرگەن بولىدۇ.مۇسپىي رېئاكسىيە بەرگەندە ۋاقىتدا سۈزۈك سۇدا يۇغان،مۇناسىپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىغاندىن باشقا، بۇ خىل گىرىم بويۇمنى ھەرگىز يېقىن بولاتماسلىق كېرەك. www.iz.la
ئەگەر سىناپ كۆرگەندە،كۈچلۈك رېئاكسىيە بەرمىگەن بولۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن تېرىڭىز توساتتىن سەزگۈرلىشىپ كەتكەن بولسا،بۇ پۈتۈنلەي تاساددىپيلىق بولىدۇ ھەمدە بۇنداق تاسادىپيلىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ،ھالبۇكى،ناۋادا گىرىم بويۇمى ئىشلتىش تۈپەيلى تېرىڭىزنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتسە،دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ ھۆسىن تۈزۈش بولۇمىدە داۋالىنىڭكى،ھەرگىز ئادەتتىكى تېرە كېسەللىكلىرى مەلھىمى دېگەنلەرنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ يۈرمەڭ،بۇنداق قىلىسىڭىز تېرىڭىز ناچارلىشىپ كېتىدۇ،تېرە كېسەللىكلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسىز.مۇتەخەسىسىلەر شۇنداق كۆرسەتمە بېرىدۇكى،يۇقىرىدىكى ئىشلارغا دىققەت قىلغاندىن سىرت،يەنە قانغۇدەك ئۇخلاشقا ۋە كەم بولسا بولمايدىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چېنىقىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبەخانىم-قىزلار گۈزەللىك دەستۇرى
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق