ئاق چاچنى يۇلۋېتىشكە بولمايدۇ

ۋاقتى:2011-09-24 10:43مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
   قېرىمايلا چاچقا ئاق چۈشسە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بەزىلەر بېشىدا ئاق چاچنى كۆرسىلا يۇلۇۋېتىدۇ،  بەزىلەر بىرنى يۇلساڭ ئونى چىقىدۇ، دەپ قاراپ ئاق چاچنى يۇلۇۋەتمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر چاچقا ئاق چۈشۈشنىڭ سەۋەبىگە قاراپ، دورا ئىشلەتسە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى خالىغاچە يۇلۇۋېتىشنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: چاچقا ئاق چۈشۈش ھەم تۇغما، ھەم ناتۇغما بولىدۇ، تۇغمىسى ئىرسىيەت جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، كېسەل سەۋەبلىك چاچ ئاقىرىش بولۇپ، چاچ، قاشلار بىردەك ئاقىرىپ كېتىدۇ. يەنە بىرى، كېسەل سەۋەبسىز چاچ ئاقىرىش بولۇپ، بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا چېچى ئاقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشنى داۋالاش ئادەتتە قىيىن. ناتۇغما چاچ ئاقىرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    ناتۇغما چاچ ئاقىرىشقا تولاراق ئېغىر بېسىمغا ئۇچراش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەب بولىدۇ. خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلاپ، روھىي جىددىيلىك كۆرۈلسە ئاق چاچ كۆپىيىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ روھىي زەربە زىيادە بولغاندا، ئالايلۇق، ئائىلىدە ئۆلۈم – يېتىم كۆرۈلگەندە، چاچنىڭ ئاقىرىشى تېزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يېمەكلىك تەڭپۇڭسىزلىقى، مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ چاشنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
   ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاق چاچنى ئۇدۇللۇق يۇلۇۋېتىدۇ. خەلق ئارىسىدا بىرنى يۇلساڭ چىقىدۇ، دېگەن گەپ بار. مۇتەخەسسىسلەر بۇ گەپنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق، دەپ قاراش بىلەن بىللە، مۇنداق كۆرسىتىدۇ: قارا چاچنى ئاساسەن چاچ خالتىسى يىلتىزىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى ئۆستۈرىدۇ، ئىنسان يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچ يىلتىزىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىسىنىڭ قارا پىگمېنت ئىشلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ – دە، چاچ ئاقىرىشقا باشلايدۇ. ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە، ئاق چاچ ئاۋۇپ كەتمىگىنى بىلەن چاچ يىلتىزى زەخىملىنىدۇ، بولۇپمۇ يۇلۇش  كۆپەيسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىدۇ. دېمەك، بىر – ئىككى تال چېچىڭىز ئاقىرىپ قالغان بولسا، يۇلۇۋەتسىڭىزمۇ، يۇلۇۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاق چاچ بىردىنلا كۆپىيىپ كەتسە، يۇلۇۋېرىش زىيانلىق.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   چاچ بوياشنىڭ يوشۇرۇن زىيىنى كۆپ. چېچى ئاقىرىپ كەتكەنلەر چېچىنى قارا ۋە باشقا رەڭلەردە بويىتىۋالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ: چاچنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشى، چاچ بوياقلىرىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن تېخى چىقمىغان بولسىمۇ، بوياقلار تەركىبىدىكى خىمىيىۋى ماددىلار زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش تېرىسى مېڭىگە ئەڭ يېقىن بولغاچقا، ئۇ خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىۋەرسە، بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى مۇقەررەر زەخىملىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلار چېچىنى بوياتسا بولمايدۇ.
   چاچ ئاقىرىشقا باشلىغاندا  ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ توغرا داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە مىكرو ئېلېمېتلارنىڭ كەم بولۇشى سەۋەب بولغان بولسا، چاچقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى، ئالايلۇق، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، بەرەنگى، كولكار قاتارلىق ئوتياشلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم، بۇنداق يېمەكلىكلەر روھىي جىددىيلىك ۋە بېسىمنى پەسەيتىپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ، قايتا قارا چاچ چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چاچ ئاسىراش رىتىسىپىلىرى

    1. ئوزۇقلۇق تەركبى مول بولغان يىمەكلىكىلەرنى ئىسىتىمال قىلىش لازىم. ئوزۇقلۇق مول بولمىسا ، چاچ زەخمىگە ئۇچىرايدۇ ، چاچىنڭ پارقىراقلىقى يوقايىدۇ . تەركبىدە ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار مول ، ياغ تەركبى ئاز بولغان يىمەكلىكىلەرنى ، ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىك...

  • پەرداز بۇيۇملىرە ۋە تىرەكېسەللىكى

    ھەممە ئادەم گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزنى پەردازلاپ گۈزەل ياسنىۋالغانلىقى نۇرمال ھادىسە .بىراق يەنە بىر قىسىم ئاياللاردا پەررداز بۇيۇملىرنى ئىشلەتكەندىن كىيىن يۈز - كۆزلىرى قىزىرىپ ئىشىشىپ قىلىش ، ياللغۇغلىنىش ھادسلى...

  • چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر

    چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر ئادەم 30-40 ياشلارغا بارا بارماي چېچى قېرىشقا باشلايدۇ. ھالبۇكى چاچنىڭ گۈزەلىكى بارلىق گۈزەلىكلەرنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ياش ۋاقتىڭز دىن تارتىپلا مۇۋاپىق بولغان توغرا ئۇسۇل بىلەن چېچىڭزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرشىڭىز...

  • ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

    ئامرىكىدىكى كۆپلىگەن ھۆسۈن تۈزەش مۇتەخەسسىسلىرى،ئايالللار يۈز تېرىسنىڭ پارقىراق ،يۇمران بۇلۇشى ،ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ھالقا - بەدەندىكى پېروكسىدلىق مايلارنى كېمەيتشتۇر،دەپ قارايدۇ. ئاياللار نىڭ بەدىندىكى بۇخىل ماددا 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان...

  • سۈت ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش

    سۈت بىلەن ھۆسن تۈزەشتە ئاساسلىقى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي ۋە ۋېتامىنلاردىن پايدىلىنىپ موسكۇللارنى رۇسلاش ۋە ھۆسن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەزى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھۆسن تۈزەش مېيى ئورنىدا قېتىق قىلپ ئىشلىنىدۇ. سۈت ئەسلىدىلا بىر خىل ئىمۇلگات...

  • چېچىڭىزنى ئاسىراشتا...

    مۇتەخەسىسلەر : ئاپتاپتا ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىلەر چېچىنى يېشىل چايدا يۇيۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى يېشىل چاي تەركىبىدىكى چاچ مېيى باش تېرىسى ۋە چاچ يىلتىزىنى ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.بۇنىڭ ئاپتاپتا قاقلانغان چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولى بار...

  • تۇخۇم ئېقى يېڭى تاتۇقنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك

    جاراھەت قاقاچ تۇتۇشتىن بۇرۇن يەرلىك توخو تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ بەرسە، جاراھەت تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، جاراھەتلەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى جاراھەتلەنمىگەنگە ئوخشاش بولۇپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلاپ قالغىلى بو...

  • بەدەندىكى ماينى خورىتىشنىڭ توققۇز خىل ئۇسۇلى

    1.ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق؛ 2.سەيلە قىلغاندا ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈۋېلىش؛ 3.ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش؛ 4.ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ 5.ئۆرە تۇرۇپ تېلېفون ئۇرۇش؛ 6.ئىش ئۈستىلىدىن ئايرىلىش؛ 7.ئۇسسۇل ئويناش؛ 8.تاماقنى كونتىرول قىلىپ ئورۇقلىماسلىق؛ 9.ئۆرە ت...

  • مايلىق تېرىلەرنى قانداق ئاسراش كېرەك

    مايلىق تېرە بىلەن قۇرغاق تېرە بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى بولۇپ، مايلىق تېرە قارىماققا ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، بىراق ھەر خىل سىرتقى غىدىقلىنىشلارغا چىداملىقراق كېلىدۇ. شامال ۋە كۈن نۇرىدىن قورقمايدۇ. ئاسان قېرىمايدۇ، قورۇق كېچىكىپ چۈشىدۇ. لېكىن بۇ خىل تېرىلە...

  • ھۆسىن تۈزەشكە پايدىلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

    پەمىدۇر: ھەر كۈنى بىر ئىستاكان پەمىدۇر شەربىتىگە مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى ئاسىرايدۇ.دائىم پەمىدۇر شەربىتى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنى ئاقارتىپ پارقىراق قىلىدۇ. تاۋۇز: تاۋۇز شاپىقىن...