2مىليارد يۈەنلىك قەرزگە بوغۇلغان كۆزەينەك پادىشاھى خۇ فۇلىن قېچىپ كەتتى. لەنتيەن دورىخانىسىنىڭ خوجايىنى قېچىپ كەتتى. يىللىق مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليارد يۈەنلىك ۋېنجۇ دۇڭتې داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى جياڭ گويۈەن قېچىپ كەتتى. يەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 22-سېنتەبىردىلا ۋېنجۇدىكى 9 خوجايىن قېچىپ كەتكەن. خوجايىنلارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ قېچىپ كېتىشى ۋېنجۇدىكى ئەل ئىچى قەرز پۇلى كىرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. شۇنداقلا ۋېنجۇ ئەندىزىسىدىكى كارخانا تەرەققىياتىغا تەھتىد ئېلىپ كەلدى. ۋېنجۇدىن ئىبارەت بۇ كاپىتال شەھىرى-خەلق ئىگىلىكى بىلەن دۆلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق. ۋېنجۇ ئەندىزىسى-بىر مەزگىل جۇڭگو خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن. بىراق بۇ قېتىم ۋېنجۇدىكى خوجايىنلارنىڭ قېچىپ كېتىش ۋەقەسى-ۋېنجۇدىكى خەلق كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئىگىلىكنى چوڭ مۇستەھكەم قىلىش-كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئامېرىكا ۋول كوچىسىنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆگىنىش، ئۆي مۈلۈك سودىسى، كۆمۈر كان، پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى ماددىلىرىگە تايىنىش-كارخانىغىلا ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
www.iz.la
كارخانا تەرەققىياتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى ھەتتا ۋەيران بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدا گەرچە سىرتقى ئىقتىساد مۇھىتىنىڭ تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەسىلىنى ھەل قىلماي تاشلاپ قويۇپ، قېچىپ كېتىش-مەسئۇلىيەتچان خوجايىننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. خوجايىنلارنىڭ قېچىپ كېتىش ۋەقەسىدىكى قىزىقارلىق ئىش شۇكى-ۋېنجۇ ئومى سۇيۇق جىسىم ئەسۋابلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، شىركەتتىكى 300 گە يېقىن خىزمەتچىگە كوللىكتىپ دەم ئېلىش بېرىپ، ئىككى كۈندە شىركىتىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتكەن، خىزمەتچىلار قايتىپ كېلىپ شىركەتنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى، خوجايىننىڭ يوقاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، بۇ بىمەنىلىك، نومۇسسىزلىقتىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن. كارخانا تەرەققىياتىدا چوقۇم كارخانا ئەخلاقى بولۇشى كېرەك. خىزمەتچىلەر ۋە نەچچە مىليارد يۈەنلىك قەرز بىلەن كارى بولماي يوقاپ كېتىدىغان بۇنداق خوجايىنلار-جۇڭگونىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى باش سەركەردىلەردىن بولالمايدۇ. ئەلۋەتتە خوجايىننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇقۇمىمۇ كارخانىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى بىر سەۋەب. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تاماقلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئويلىشىشى كېرەك. ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى يېقىندىلا باشلانغان ئەمەس. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىپ، خوجايىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن. بۇ يىل 4-ئايدا ۋېنجۇدىكى جياڭنەن خۇرۇمچىلىقى، بورتمان يېمەكلىكلىرى ۋە سەنچى گورۇھى قاتارلىق ئۈچ كارخانىنىڭ خوجايىنلىرى قېچىپ كەتكەن. بىراق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تاقىلىپ قېلىش پەقەت يەككە دىلو دېگەن. ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى بۇرۇنلا باشلانغان، بىراق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن، بۇ قىيىنچىلىقتا قالغان ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بەرمىگەچكە خوجايىنلار قېچىپ كەتكەن.
ئەڭ چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش يەنىلا ۋىنجۇ كارخانىلىرى شۇنداقلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىگە بېرىلگەن سىگنال بولدى. ۋىنجۇ چەتئەلگە نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مەبلەغ سېلىۋاتقاچقا، مەبلەغ زور دەرىجىدە ئاشقان. باي بولغان ۋىنجۇ كارخانىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن كارخانىنى چوڭ ھەم مۇستەھكەم قىلماي، نېمىدە ئاسان پۇل تاپسا شۇنى قىلغان. ئۆي مۈلۈك، ئېنىرگىيە، ئاسارە ئەتىقە، پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى بۇيۇملاردىن تارتىپ، ئەلئارا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز بېرىش قاتارلىق سودىلارغىچە شۇغۇللانغان. جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋىنجۇ تارماق بانكىسى ئېلان قىلغان «ۋىنجۇ ئەل ئارا قەرز بېرىش ئەڭ يېڭى بازار دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېنجۇنىڭ ئەلئارا قەرز بېرىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، %89 شەخس ۋە %59.67 كارخانا ئەلئارا قەرز ئالغان. قەرز بېرىش كۆلىمى 110 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. تەلۋىلەرچە قەرز بېرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب دەل «كۆپ مەبلەغ سالسا كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش»تەك پۇرسەتپەرەسلىكتە. مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېنجۇدا تىجارەت قىلغاندا، ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ساپ پايدىسى %3 تىن %5 كىچە بولغان، بىراق خەلق ئىچىدە قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ يىللىق پايدىسى %180 كە يەتكەن. يۇقىرى پايدىغا يۇقىرى خىيىم خەتەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يۇقىرى پايدىغا تايىنىپ تىجارەت قىلىشنىڭ خەتىرى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. كاپىتالنىڭ بۇنداق ئويۇنى ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى كىرىزىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا كارخانىلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىش-ۋېنجۇدىكى خوجايىنلارنىڭ يوقاپ كېتىشى بىزگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى كىرزىسى بەرگەن ساۋاق. ئىز تورى www.iz.la