1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە يېڭى مۇداپىيە ھەمكارلىق فاڭجىنىنى ئېلان قىلغان. بۇ لايىھە ياپونىيە ھەمكارلىق كۈچىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى پائالىيەت ئۇسۇلىنى كېڭەيتتى، بۇ 1978-يىلىدىن بۇيانقى بۇ لايىھەگە كىرگۈزگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش.
ئىز تورى www.iz.la
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو 2000-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مەغلۇب بولغان. 2000-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە سېدنىي ئېرىشكەن، بىراق 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى بايانى ئېلان قىلىنغان. شىنخۇا ئاگېنتىلىقى دېڭ شياۋپىڭنىڭ «شياڭگاڭ مەسىلىسىگە بولغان ئاساسىي مەيدانىمىز» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، بۇ دەل 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى دېڭ شياۋپىڭ بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئايال ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، موسكۋادا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر موسكۋادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچى ۋە بىر پۇقرا قازا قىلغان. كىشىلەر بۇ قېتىملىق ۋەقەنى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى پىلانلىغان دەپ قاراشقان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ كۈتۈپخانىسى يېڭى سارىيىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، زۇڭلى جۇ ئېنلەي تەستىق سالغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان. copyright by www.iz.la
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز ئارمىيىسى «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» دېگەن نامنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1913-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن. فرانسىيەلىك ئۇچقۇچى رولان گانادىن تۇنىسقا ئۇچۇپ كەلگەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 347 كىلومېتىر. ئۇچۇشقا جەمئىي 7 سائەت 53 مىنۇت كەتكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!