مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، ، خورەك تارتقاندا ، قۇرغاق ھاۋا بىۋاستە كېكىردەكنى غىدىقلاپ كېكىردەك ياللۇغى ، كاناي ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، بالىلارنىڭ يۈزىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، غەيرىي يېتىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەم بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيەلىك يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ، شۇڭا بالىلاردا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەككەن .