بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەي، شيامېن،تاڭشەن قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك باج ئىدارىلىرى يۇمتالنىڭ يېڭىلانمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، يەنىلا 2000 يۈەنلىك باج ئېلىش چېكى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئالغان، تۈنۈگۈن بېيجىڭنىڭ يەرلىك باج تارماقلىرى ھازىر دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ يېڭى باج يىغىش ھۆججىتى بويىچە باج يىغىمىز دېدى. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر باج تاپشۇرغۇچىلار كارخانىلار ئارقىلىق باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ دېدى. 10-سېنتەبىر، شاڭخەيدىكى بىر شىركەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋۇ ئەپەندى ئىككى كۈن ئىلگىرى مائاشىنى ئالغانىدى، لېكىن ئۇنى ۋە خىزمەتداشلىرىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، شەخسىي تاپاۋەت بېجى 3500 يۈەنلىك يېڭى باج ئېلىش چېكى بويىچە ئېلىنماي، يەنىلا 2000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە يىغىلغان. ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:مەن شاڭخەي باج ئىدارىسىغا تېلىفون قىلسام، يۇمتال يېڭىلىنىپ بولۇنمىدى، يەنىلا 2000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە باج يىغىمىز دېدى. مەن بۇ سەۋەب بولالمايدۇ دېسەم، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق، بىز ئۇختۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىدۇق دېدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شيامېندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. ئامما يۇمتال يېڭىلىنىپ بولمىغاچقا، يېڭى باج يىغىش قانۇنىنىڭ توردىكى باج تاپشۇرۇش مەشغۇلاتىغا ماسلىشىپ بولالمىغانلىقىنى، شۇڭا يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ 2000 يۈەنلىك باج ئېلىش چېكى بويىچە باج يىغىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شيامېنلىق بىر شەھەر ئاھالىسى مۇنداق دېدى:ئىككى كۈن بۇرۇن ئەگەر شيامېن شەھەرلىك يەرلىك باج تورى ئارقىلىق شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرماقچى بولسا، ئايلىق ئالىدىغانلار ئالدىن باج تاپشۇرىدىغان كارخانىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتكۈل يەرلىك باج تورى يېڭى باج قانۇنىغا يېتىشەلمىگەنىدى. ئەگەر بىز تور ئارقىلىق باج تاپشۇرساق، بۇرۇنقى 2000 يۈەنلىك باج ئېلىش چېكى بويىچە پۇل تۇتىلىدۇ. 10-سېنتەبىر، يەرلىك تاراتقۇلار شيامېن شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، توردا شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى 3500 يۈەنلىك باج ئېلىش چېكى بويىچە تاپشۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بېيجىڭنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالى قانداق؟ مۇخبىر 12366 باج تاپشۇرۇش قىزىق لىنىيەلىك تېلىفونى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە، خىزمەتچى خادىملار بېيجىڭنىڭ باج تاپشۇرۇش سېستىمىسىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ پۈتۈنلەي شەخسىي تاپاۋەت بېجىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، باج ئېلىش چېكىنىڭ 3500 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مۇخبىر ئەگەر ئىدارىلەر يەنىلا 2000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە باج ئالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ دەپ سورىسا، خىزمەتچى خادىملار، ئەگەر شىركەتلەر يەنىلا كونا باج يىغىش قانۇنى بويىچە باج يىغسا، باج تاپشۇرغۇچىلار پاش قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بېيجىڭ يەرلىك باج ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار كىشى: ئىدارىمىز دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئالدى دېدى. ئەمەلىيەتتە، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى شەخسىي تاپاۋەت بېجى توغرىلىق كۆپ قېتىم ھۆججەت چۈشۈرگەن، يېقىندا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، ئىدارىلەرنىڭ 9-ئايدا تارقاتقان ھەر قانداق ئاينىڭ مائاشى چوقۇم يېڭى باج قانۇنىدا بېكىتىلگەن 3500 يۈەنلىك باج ئېلىش چېكى بويىچە بېرىلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلغان. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان 46-نومۇرلۇق ھۆججەتتە يېڭى كونا باج قانۇنىنىڭ ماسلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىكلەرنىڭ ئىجرا قىلىشىنىڭ قىيىن بولۇشى-سىياسەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى يېتەرسىزلىكىدىن ئىكەن، شۇڭا بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ئەنسىرتىدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يېڭى باج قانۇنى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ 1-سېنتەبىر يولغا قويۇلغىچە 2 ئاي ئۆتتى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مۇتەخەسىس مۇنداق دېدى:بۇ يەرلىك باج تارماقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنچىلىك ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە، باج ئېلىش سېستىمىسىنىڭ باج قانۇنىنىڭ تۈزىتىلىش قەدىمىگە ماسلىشالمىغانلىقىغا پەقەتلا باج يىغىش سېستىمىسىنىڭ يېڭىلانمىغانلىقىنى باھانە قىلىشقا بولمايدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ كونا ئۆلچەم بويىچە باج يىغىش تاپشۇرۇش-كارخانا ۋە شەخسنىڭ ھەممىسىنى ئۇۋالچىلىقتا قالدۇرماقتا.خۇاشۈي ئادۋۇكاتخانىسىدىكى ليۇ تيەنيۇڭ مۇنداق دېدى:باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىدارە ئارقىلىق باجنى قايتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ، ئىدارە بىلەن يەرلىك باج تاپشۇرۇش ئورگانلىرى بىلەن باجنى قايتۇرۇش مەسىلىسىنى كېڭەشسە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باجنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:بىرى:كېڭىشىش ئارقىلىق باج ئورگانلىرى باجنى ئىدارىغا بىۋاستىلا قايتۇرۇپ بېرىش. يەنە بىرى: كۆپ تۇتۇۋېلىنغان باجنى كېيىنكى ئايلىق باجغا ھېسابلاش. بىراق ئادەتتە، ئىككىنچى خىل ئۇسۇل مۇۋاپىقراق، چۈنكى بىرىنچى خىل ئۇسۇلنىڭ باسقۇچى مۇرەككەپ بولۇپ،ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
copyright by www.iz.la