ئىز تورى www.iz.la
1944-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 2-V تىپلىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ئەنگلىيەنى بومباردىمان قىلغان. بۇ بومبا 1936-يىلدىن باشلاپ تەتقىق قىلىپ ياسالغان، گېرمانىيە 1944-يىلى فىرانسىيەگە تۇنجى قېتىم ئاتقان. ئىككى كۈندىن كېيىن، مۇشۇ بومبا بىلەن ئەنگلىيەنى بومباردىمان قىلغان، شۇ كۈنى گېرمانىيە 1300 دىن ئارتۇق بومبىنى ئاتقان. ئىز تورى بەك ياخشى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
1966-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇغۇت چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغۇچى سانجىر ۋاپات بولغان.
ماگېرىت سانجىر بولسا بىر تەلەيلىك خىيالپەرەسچى. ئۇ 82 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى ماگېرىت ھېنگس بولۇپ، نىيۇيورك ئىشتاتىدا چوڭ بولغان. دادىسى بىر ھاراقكەش بولۇپ سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ئادىمى ئىدى. ئانىسى 10 بالا تۇغۇپ ناھايىتى چارچاپ كەتكەنىدى. ماگېرىت سېسترا بولغاندىن كېيىن، سۈنئىي بالا چۈشۈرۈشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ناھايىتى بىزار بولغان، ئۇ بۇنداق ئىشنى ئاخىرلاشتۇرىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ سېسترا ئۈچ بالىلىق بولغان، بىراق بىرسى تېزلا قازا قىلىپ كەتكەن. ئۇ تۇغۇت چەكلەش بىلىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان. ئۇ فىرانسىيەگە بېرىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، فىرانسىيەدىن قايتىپ كەلگەندە بالىياتقۇ تىرىكى، بالىياتقۇ قالپىقى ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسىنى ئېلىپ كەلگەن. 1916-يىلى ئۇ بىروكولىندا تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئامبۇلاتورىيەسى ئاشقان. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي تاقىلىپ قالغان. ئۇ تۇغۇت چەكلەش قانۇنىغا قارشى چىققانلار بىلەن ئېلىشىپ، 1953-يىلى خەلقئارا پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى تەتقىقاتچىلارنى ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى ياساشقا دەۋەت قىلغان.
1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قوراللىق ئىككى ئەرەبلىك ئالدىن ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن ئاساستا ئىستانبۇلدىكى بىر چېركاۋغا باستۇرۇپ كىرىپ ئىبادەت قىلىۋاتقان 29 كىشىگە ئوق ئاتقان، بۇنىڭ بىلەن 21 كىشى قازا قىلىپ، 4 كىشى يارىلانغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيەنىڭ داڭلىق كىنو رېژىسسورى خېروسوكى ئاكىدا 88 يېشىدا توكيودا ۋاپات بولغان. خېروسوكى ئاكىدا 1910-يىلى توكيودا تۇغۇلغان، 1936-يىلى كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئۇ «كىنو تەڭرىقۇتى» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: خېي زېمىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!