ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى شاۋ بىنغا ئېغىر جازا بەردى

2011-يىلى09-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

شاۋ بىن

    خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى 30-ئاۋغۇست ئۆز تورىدا ، جۇڭگو گىمناستىكا رىپېرى شاۋ بىنغا رىپېرلىق دەرىجىسىنى ئۈچ دەرىجە چۈشۈرۈپ ، 7200 شىۋېتسارىيە فرانىكى (60 مىڭ 231 يۈەن) جەرىمانە قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

ماتېرىيال سۈرەت : سولدىن ئوڭغا كىم جۇمىن ، جاڭ چېڭلۇڭ ، ئاشىش كۇمال

   شاۋ بىن 2010-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گىمناستىكا مۇسابىقىسىگە رىپېرلىق قىلغاندا ، باش رىپېرغا ئۇقتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ، تەنھەرىكەتچىلەرگە بېرىلگەن نومۇرنى ئۆزگەرتكەن . نەتىجىدە ، جۇڭگو ماھىرى جاڭ چېڭلۇڭنىڭ نەتىجىسى كورىيە ماھىرى كىم جۇمىن بىلەن تەڭلىشىپ ، بىرلىكتە بۇ تۈرنىڭ چېمپىيونى بولغان .

    شاۋ بىن : بۇ بەك كۈلكىلىك ئىش بولدى ، مەن بۇنىڭغا قايىل ئەمەس ، بىراق نارازىلىق ئەرزى سۇنمايمەن ،-دېگەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!