ئادەتتە گىرىم بويۇملىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك تېرە ياللۇغىغا گىرپتار بولىدۇ،بۇ خىل كېسەلىككە يېنىكرەك گىرىپتار بولغانلارنىڭ يۈز تېرىسى قىچشىپ،ئېغىرراقلىرىنىڭ يۈزى ئىشىشىپ،قاپارتقۇ ئۆرلەيدۇ،ھەتتا بەزىلىىنىڭ يۈز تېرە ھۈجەيرىلىرى بۇزۇلۇپ،قورۇقلار كۆپىيىپ،تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى يوقايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پەرداز بويۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېرە ياللۇغىنىڭ كۆپىنچىسى-ئىشلەتكەن گىرىم بويۇملىرى ئىچىدىكى مۇرەككەپ خىمىيۋى ماددىلارنىڭ تېرىگە ياقمىغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.چۈنكى،گىرىم بويۇملىرىنىڭ ھەر قايسى ھەر خىل تەركىبتە ياسىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ تېرىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ،شۇڭا،گىرىم بويۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېرە ياللىغىمۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ قالدى،لېكىن گىرىم بويۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتش جەھەتلەردە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىدىغاندا،بۇ خىل تېرە ياللغۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ،ھازىر سېتىلىۋاتقان بەزى گىرىم بويۇملىرى سۇنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن خىمىيىۋى ماددىلاردىن تەييارلانغان،ئۇلارنىڭ تەركبىدە قوغۇشۇن،ئاليۇمىن،خرۇم،سىماب قاتارلىق زەھەرلىك مېتاللارمۇ بار. ئىز تورى www.iz.la