ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدا نۇرغۇن قىزلار ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايى،يارىشىملىق مودا كىيىملىرى ئارقىلىق يىگىتلەرنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ.لېكىن يىگىتلەر ئۇلار بىلەن بىر نەچچە قېتىم،ھاتتا بەزىلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئارىلىشىپلا ئۇلارنىڭ مودا قوغلىشىپ ئېرىشكەن گۈزەللىكىنىڭ ئاساسى ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ سېھىرىي كۈچىنىڭ ھاۋادىكى ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش بىر چاقناپلا غايىپ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،ئۇلارغا بارا-بارا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇنداقتا،قىزلارنىڭ ھەقىقىي سېھىرى كۈچى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۆزلىرىدە بار بولغان ئۆزگىچە خاراكتېردە ئىپادىلىنىدۇ.بۇ خاراكتېر يات جىنسىلارنى خۇددى ماگىتقا ئوخشاش ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.قىزلارنىڭ خاراكتېر گۈزەللىكى ئىپادىلىنىدۇ.بىلىم ۋە تەربىيلىنىش ئادەمگە ئەقىل-پاراسەت ۋە يۈكسەك پەزىلەت ئاتا قىلىدۇ.تۇرمۇش بىلەن كەسىپكە بولغان قىزغىنلىق ئادەمنى ياخشى خاراكتېر ۋە گۈزەل لاتاپەتكە ئىگە قىلىدۇ.بۇ تەرەپلەر شۇبھىسىزكى،قىزلارنىڭ چىراي شەكلىدىكى نوقسانلىرىنى تولۇقلاپ،ئۇلارغا ئاجايىپ گۈزەللىك بېغىشلايدۇ.قىزلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئىنتىلىش قىزغىنلىقى قانچىكى يۇقىرى بولغانسېرى،ئۇلارنىڭ ئوبرازىمۇ شۇنچە يۈكسەكلىشىدۇ ھەم گۈزەللىشىپ بارىدۇ.خەلقىنىڭ ئۈمىد ۋە تەلپى مۇجەسسەملەنگەن روھ ئەڭ يۈكسەك ۋە ئەڭ گۈزەلدۇر.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!