مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
گېرمانىيەدە ئاتا-ئانىلار بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ زۆرۈر ئىككى ئىشنى قىلىشى لازىم. بىرى، بالىلارغا مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشنى بىلدۈرۈش تەربىيەسى. يەنە بىرى، بالىلارنى ئاقكۆڭۈل قىلىپ تەربىيەلەش.
ئىز تورى www.iz.la
«ئاقكۆڭۈل قىلىپ تەربىيەلەش» ھايۋاناتنى ئاسراشتىن باشلىنىدۇ. گېرمانىيەدە كۆپلىگەن ئائىلىلەر ئاسلان، بۆجەن، كۈچۈك، ئالتۇنبېلىق قاتارلىق كىچىك ھايۋانلارنى باقىدۇ. بۇ ھايۋانلار ئائىلىنىڭ ئەرمەكلىرى، شۇنداقلا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلىشىدىكى «جانلىق ئوقۇشلۇقى» بولۇپ، بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئەرمەك ھايۋان بېقىش، ئاسراش ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن جانلىقلارنى ئاسراشنى ئۆگىنىدۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بالىلار باغچىلىرىمۇ ئائىلىلەرنىڭ «ئاقكۆڭۈل قىلىپ تەربىيەلەش» ىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ھايۋانات باقىدۇ. تەربىيەچىلەر ئۇلارنى بالىلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ. بالىلار ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. تەربىيەچىلەر بالىلارغا ئەرمەك ھايۋان باققاندا، ئاسرىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك «بېقىش خاتىرىسى» قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتە «ئاقكۆڭۈل قىلىپ تەربىيەلەش» دەرسلىكى يوق، بالىلار پارچە پۇللىرىنى خەجلەپ مەكتەپنىڭ تۈرلۈك كىچىك ھايۋانلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، كىچىك ھايۋانلارنى بېقىش توغرىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى يازسا بولىدۇ. تەربىيەچىلەر مۇنەۋۋەر ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىك ھايۋانلارنى ئاسرىغانلىقىغا مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
ئوقۇغۇچىلار ھەر مەۋسۈمنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە «ھاياتنى قەدىرلەش» تېمىسىدا مۇھاكىمە ياكى مەشق ماقالە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر مەكتەپ مۇدىرى ياكى يەرلىك ئەمەلدار تارقاتقان مۇكاپات ۋە گۇۋاھنامىگە نائىل بولىدۇ. بۇ گېرمانىيە مائارىپىدىكى «بالىلار ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە مېھرىبان بولسا، چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولىدۇ» دېگەن ئورتاق تونۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گېرمانىيەدە كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ئادەتكە ئايلانغان. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ «ئاقكۆڭۈل بولۇش تەربىيەسى» نىڭ نەتىجىسى. ھېسداشلىق قىلىش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش — گېرمانىيەلىكلەرنىڭ بالىلارغا قاراتقان تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. گېرمانىيەدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قەرەللىك ھالدا ساناتورىيە، نامراتلار رايونلىرىغا ئاپىرىپ، بالىلارنىڭ ياشانغانلارنىڭ كىيىم- كېچىكىنى يۇيۇپ بېرىش، تازىلىق قىلىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا ئاجىزلار توپىغا ياردەم بېرىش، رەھىمدىل بولۇش خاراكتېرى يېتىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بەزى مەكتەپلەر «زومىگەر ئوقۇغۇچىلار» غا بولغان تەربىيەنى قاراتمىلىقى بار ھالدا ئاشكارىلايدۇ. ئاتا-ئانىلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ۋەكىللىرى قاتناشقان «ئاشكارىلاش چوڭ يىغىنى» ئېچىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ناچار ئىشلىرىنى جامائەت ئالدىدا ئاشكارىلايدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولغان ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى بېرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!