جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئافغانىستان جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى 2 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە بىر ئادەمنى يارىدار قىلغان، مۇھاپىزەتچى ئېتىشىشتا ئۆلگەن.
ۋەقە ئافغانىستاننىڭ پەنجىشىر ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن.
پەنجىشىر ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى راخمان:«2 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئېتىپ تاشلاندى، بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى يارىدار بولدى، ئافغانىستان جاسۇسلۇق ئورگىنى (ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى) نىڭ بىر مۇھاپىزەتچىسى ئېتىشىشتا ئېتىپ تاشلاندى» دېگەن.