جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي سۇدان شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0 دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 3 دە) رەسىمىي مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى دۆلەت بولۇپ قالدى. تەخمىنەن 30 دۆلەتنىڭ رەھبىرى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۇدان ھۆكۈمىتى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى رەسىمىي ئېتراپ قىلدى، سۇدان پىرىزدېنتى بەشىرمۇ جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يېڭى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قارار ماقۇللاپ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ب د ت نىڭ جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەك تەسىس قىلدى. قاراردا دېيىلىشىچە، جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلىدىغان ئۆمەك 7000 نەپەر ھەربىي خادىم ۋە 900 نەپەر مۈلكىي ساقچى خادىم بولۇپ، ۋەزىپە مۇددىتى بىر يىل ئىكەن ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇزارتىدىكەن.
جەنۇبىي سۇدان قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت بولۇپ قالدى. جەنۇبىي سۇدان ب د ت ئېتراپ قىلغان 193-دۆلەت.
مۇستەقىللىق كېچىسى، جەنۇبىي سۇدان يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىنچە بىر تەرەپكە قويۇپ قويغان. پايتەخت جۇبا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن. كىشىلەر كوچىلاردا جەنۇبىي سۇدان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشتى.سۇدان جەنۇبىي سۇداننى رەسىمىي ئېتراپ قىلغان بىرىنچى دۆلەت. بۇ ھەپتىنىڭ بېىشىدا، سۇدان پىرىزدېنتى بەشىر جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
سۇدان 50 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزدى، 2 مىليون ئادەم جەنۇب شىمال توقۇنۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئاساسىي ئەسلىھەسى ئاجىز، مەبلەغ ساھەسى تار، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى چەكلىك بولغانلىقتىن، جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.