
يەر شارى تورىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋىرى: روسىيە دۇنيا قورال-ياراغ سودىسى ئانالىز مەركىزى تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە بىلەن جۇڭگو ۋېنسۇئىلانىڭ ئىككى ئاساسلىق ھەربىي ئەسلىھە تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇپ قالغان. ۋېنسۇئىلا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ھەيۋەتلىك پارات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋېنسۇئىلا پىرىزدېنتى Twitter تورىدىكى مىكرو بلوگى ئارقىلىق روسىيە ۋە جۇڭگونىڭ ھەربىي تېخنىكا ۋە ئەسلىھە، خادىملارنى تەربىيلەش جەھەتتە ۋېنسۇئىلاغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتقان.
روسىيە، جۇڭگو ۋە بىر قاتار لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئەترەتلەر ۋېنسۇئىلا پايتەختى كاراگاستا ئۆتكۈزۈلگەن پاراتقا قاتناشقان. پات يېقىندا ۋېنسۇئىلاغا زور كۆلەمدە يۆتكەپ كېلىنگەن روسىيەدە ياسالغان قورال-ياراغلار بۇ قېتىمقى پاراتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ئىگەللىنىشچە، بۇ قېتىمقى پاراتقا قاتناشقان روسىيەدە ياسالغان يەر يۈزىدە يۈرىدىغان قورال سىستېمىسى سەپلەنگىلى ئۇزۇن بولمىغان T-72B1 ئۇرۇش تانكىسى، BRT-80 بروۋنىك، BMP-3M پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىسى، BM-21 كۆپ ئۆزەكلىك كاتيۇشا ۋە MSTA-S 152 كالبېرلىق زەمبىرەك، ھاۋا ئارمىيە قوراللىرىدىن MiG-17V-5، MiG-35M2 ۋە MiG-26T2 تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە Su-30MK2V كۆپ خىل ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

روسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ دېيىشىچە، ۋېنسۇئىلاغا قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلىش جەھەتتىن ئېيتقاندا، روسىيە بىلەن جۇڭگو ۋېنسۇئىلانىڭ بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى قورال تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇپ قالغان. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىسپانىيە بولۇپ، چاۋېس سىياسىي سەۋەبنى ئويلىشىپ ئىسپانىيەگە رەخمەت ئېيتمىغان.
ۋېنسۇئىلا ئارمىيىسىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، ۋېنسۇئىلا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بۇ يىل 25-ماتورلاشقان برېگادا قۇرۇپ چىقىدىكەن.
روسىيە دۇنيا قورال-ياراغ ئانالىز مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنسۇئىلانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىل ئىچىدە روسىيەدىن سېتىۋالىدىغان قورال-ياراغ ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
روسىيە بىلەن ۋېنسۇئىلانىڭ غايەت زور قورال-ياراش سودىسى نۆۋەتتە سۆھبەتتىكى ھالەتتە بولۇپ،ئىككىنچى تۈركۈم 24 دانە Su030MK2 ۋە Su35 كۈرەشچى ئايروپىلان، 10 دانە MiG-28NE ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتارلىق قوراللارنى سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.







خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!