جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋىرى: كونگو (كىنشاسا) ترانسىپورت مىنىستېرلىكى 8-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، 8-ئىيۇل كىسانگانى ( Kisangani ) خەلقئارا ئايرودرومى ئەتراپىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 53 ئادەم ئۆلگەن، ئەمما 40 ئادەم بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئامان قالغان.
ترانسىپورت مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، كونگو (كىنشاسا) خېۋا بورا (Hewa Bora) ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ بىر بوئىڭ-727 يولۇچىلار ئايروپىلانى 8-ئىيۇل كونگو (كىنشاسا) پايتەختى كىنشاسادىن گوما شەھىرىگە قاراپ ئۇچماقچى بولغان، ئايروپىلان قارا يامغۇردا كىسانگانى خەلقئارا ئايرودرومىغا قونۇپ قىسقا مۇددەت تۇرماقچى بولغاندا ۋەقە يۈز بەرگەن. ئايروپىلاندا جەمئىي 112 ئادەم بولۇپ، ئاز دېگەندە 53 ئادەم ئۆلگەن.