جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋىرى: يەمەن پىرىزدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىدار بولغاندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇنجى قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەمەن دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق سۆز قىلىپ، سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق يەمەندىكى كىرزىسنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يارىسىنى داۋالىتىۋاتقان سالىھ دۆلىتىگە قايتىدىغان قايتمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
يەمەن ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتىكى ھەربىي دوختۇرخانىغا داۋالىنىۋاتقان سالىھ يەمەن خەلقىگە سۆز قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن يەمەن خەلقىنىڭ تېرورچىلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى مەدھىيلىگەن ھەمدە سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق سىياسىي كىرزىسنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ:«بىز ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن رامكىسى ئىچىدە، دېموكراتىيە ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى قارشى ئالىمىز» دېگەن، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئولىيەتچانلىق پوزىتسىيىسى بىلەن ئۆز مەيدانىنى قايتىدىن ئويلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،تېلېۋىزىيە كۆرىنىشىدە سالىھنىڭ يۈز قىسىمى ئېغىر كۆيۈپ يارىدار بولغانلىقتىن قارىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن، قولىدا تېڭىق بار ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ سۆزىدە دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈزگۈزىدىغان يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
دېپلوماتچى زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى نەچچە ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن، سالىھ ئېغىر سىياسىي قىينچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئۇنىڭ يەمەنگە قايتىپ كېلىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىكەن.
قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيىسىنىڭ تەھلىلىدە دېيىلىشىچە، يەمەن پايتەختى سانادا نامايىش قىلىۋاتقان نەچچە ئون مىڭ ئامما سالىھنىڭ سۆزىنى كۆرىشى ئۇنىڭ دۆلەتكە قايتىپ كەلمەكچى بولغان بولمىغانلىقىنى ياكى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بەرمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىكەن. نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، ئۇلار پايتەختتە سالىھنىڭ ئۇچۇر بېرىشىنى ساقلىغان، گەرچە سالىھ ئاخىرى ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى نامايىشچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيىسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، گەرچە پىرىزدېنت سالىھتا قارىماققا بىر خىل مەغلوبىيەت تۇيغۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرى يەنىلا ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، بىر تالاي كۈچلۈك سۆزلەرنى قىلغان.
يەمەن دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 7-ئىيۇل كەچ پىرىزدېنت سالىھنىڭ تېلېۋىزىيە سۆزىنى تارقاتقاندىن كېيىن، سالىھنى قوللىغۇچىلار يەمەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئاسمانغا ئوق چىقىرىپ تەبرىكلىگەن، نەتىجىدە 8 ئادەم ئۆلگەن، 100 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان. ھەر قايسى جايلاردىكى دوختۇرخانىلار ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئىب ۋە زامار ئۆلكىسىدە، 5 نەپەر پۇقرا سالىھنى قوللىغۇچىلار ئاتقان ئوقتا ئۆلگەن، باشقا يەنە 60 ئادەم ئوقتا يارىدار بولغان. پايتەخت سانادا، سالىھنىڭ قوللىغۇچىلار ئېغىر تىپلىق پىلموتلار بىلەن ئوق ئېتىپ تەبرىكلەشكەن، بىر نەپەر نامايىشچىنىڭ ئۆلىشىنى، باشقا يەنە 20 نەچچە نەپەر نامايىشچىنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. غەربىي قىسىمدىكى ھۇدەيداھ ئۆلكىسى، جەنۇبتىكى ئادىن ئاۆلكىسى ۋە تايىز ئۆلكىسىدە، سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوق چىقىرىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىمۇ 2 ئادەمنىڭ ئۆلىشى، 22 ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.