جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى روبېرت فورد (Robert Ford) شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بىخەتەرلىك قىسىملىرى قاتمۇقات قورشىۋالغان سۇرىيە شەھىرى خامادا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان. ئۇ يەرلىكتىكى بىر دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلىپ، دوختۇرخانىدىكى نامايىشتا يارىدار بولغانلارنى يوقلىغان. روبېرت فورد 8-ئىيۇلغىچە خامادا تۇرۇپ قالىدىكەن.
روبېرت فوردنىڭ «تۇيۇقىسز ھۇجۇمى» غا قارىتا، سۇرىيە ئەرەب ئاخبارات ئاگېنتلىقى سۇرىيە دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ:«ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىن تەستىقلىشىدىن ئۆتمىگەن. سۇرىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى بۇ ئىشنى سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق دەپ قارايدۇ» دېگەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روبېرت فوردنىڭ بۇ قىلمىشى مەسئولىيەتسىزلىك بولۇپ، سۇرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىسىز ئىكەن.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 8-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېكتورىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روبېرت فوردنىڭ خاماغا قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى يەرلىك ئاممىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇ:«رروبېرت فورد بىزنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ تىنچلىق يىغىلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەرزىنى ئىپادە قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تولۇق ئىپادىلىدى» دېگەن.
سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان خاما شەھىرىدە، يېقىنقى 4 ئايدىن بۇيان ئۇدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ھەرىكەتلىرى بولدى.