جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋىرى: سېنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادا 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئافغانىستاندىكى 9 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىنى ساقلاۋاتقان، تالىباننىڭ ھۇجۇملىرى ئەدەپ كەتكەن قەندىھار ئۆلكىسىدىن تەخمىنەن 3000 نەپەر ئەسكىرىنى چېكىندۈرىدىكەن.
بىراق كانادا 2014-يىلغىچە ئافغانىستانغا ياردەم بېرىدىكەن، ياردەم سوممىسى ھەر يىلى تەخمىنەن 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەرنگەن.
كانادانىڭ قەندىھاردا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى:«بۇ يىللارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كانادا ئارمىيىسى بىلەن خەلقى ئەڭ چوڭ قۇربانلىق بەردى. گەرچە نۆۋەتتە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەر تاماملانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز» دېگەن.
ئىگەللىنىشچە، كانادا ئۆتكەن 9 يىلدا ئافغانىستاندا ئۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلغاندا 157 نەپەر ئەسكىرى ئۆلگەن، 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان. كانادا قىسىملىرى 2006-يىلدىن باشلاپ قەندىھارغا كىرىپ، تالىبان ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان.
كانادا باش مىنىستىرى خارپېر 2008-يىلىلا شۇ يىل ئىچىدە بارلىق قىسىملىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ يىل 5-ئايدا بىن لادىننى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، خارپېر ئافغانىستاننىڭ ئەمدى «يەر شارى تېرورىزىمىنىڭ مەنبەسى» ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.