2003-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاھالىلەر كىملىكى قانۇنى ئېلان قىلىنغان. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى:«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاھالىلەر كىملىكى قانۇنى»-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى قاراپ چىقىلغان ھەمدە ئېلان قىلىنغان. 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بوكس پادىشاھى تايسېن بوكس مۇسابىقىسىدا ئادەمنى چىشلىۋالغاچقا، دۇنيادىكى رەت سانى ئېلىۋېتىلگەن. لاسۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن WBA مۇسابىقىسىدىكى 3-ئۇچرىشىشتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋەقە يەنى تايسېن خولىفېردنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى چىشلىۋالغان. مۇسابىقە جەريانىدا خولىفېرد ئارقا ئارقىدىن تايسېنگە ھۇجۇم قىلىپ، تايسېننى ئامالسىز قالدۇرغان. تايسېن جىددىيلەشكەنلىكتىن خولىفېردنىڭ قۇلىقىنى چىشلىۋالغان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى نېۋادا شىتاتى تەنتەربىيە كومىتېتى تايسېننىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا قوللىنىپ، ئۇنىڭ بوكس ئىجازەتنامىسىنى تارتىۋالغان ھەمدە 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويغان. copyright by www.iz.la
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بانكىسى ياۋروپا بازىرىغا قايتىپ كەلگەن. جۇڭگو بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لوندۇندىكى ئالاقىدار خەلقئارا بانكىلار بىلەن جۇڭگو بانكىسىنىڭ لوندۇندا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياۋروپا زايومى تارقاتقان. ۋاقتى بەش يىل. بۇ جۇڭگو بانكىسىنىڭ 1988-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياۋروپا بازىرىنىڭ ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلىغىنى يىغىشىغا قايتىپ كەلگەنلىىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا سوتى بوكس شاھى ئەلىنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشنى رەت قىلغانلىقىغا ھۆكۈم چىقارغان. تۆت يىل ئىلگىرى مۇھەممەت ئەلى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن چېمپىيونلۇق نامى ئېلىپ تاشلانغان. بۈگۈن ئامېرىكا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەلىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. 1979-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيا بوكس شاھى ئەلى چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەلى 26 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ماھارەتلىرىنى مەستانىلىرىگە قالدۇرۇپ كەتكەن، لېكىن ئۇنىڭ بېشى 29 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق زەربە يېگەچكە، ئۇ ئاخىرى پاركېنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. 1984-يىلىدىن كېيىن ئەلىنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ، گەپلىرى نورمال بولمىدى. بوكس شاھى ئەلى 1942-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كېنتاكى شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەلى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى، ئىسمىنى مۇھەممەت ئەلىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان.
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىتالىيە پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلغان. تەختكە ئولتۇرغىنىغا ئەمدىلا 35 كۈن بولغان پادىشاھ خامبېرت ئىتالىيەدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئىتالىيەدە جۇمھۇرىيەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.