
يەتتە يىل ئىلگىرى ، قوش تەنلىك قىز بوۋاقلار مىسسى بىلەن خاروسىن دۇنياغا كۆز ئاچتى ، ئۇلاردا پۇت ، داس سۆڭەك ، جىگەر ، يۈرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالار ئورتاق ئىدى ، شۇ ۋاقىتتا بۇلارنىڭ يەنە بىر نورمال سىڭلىسىمۇ تەڭ تۇغۇلغان . 2003–يىلى 9–ئايدا ، بۇ قوشكېزەكلەر لوس ئانژېلىس بالىلار دوختۇرخانىسىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك تەن ئاجرىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى . يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئاچا ــ سىڭىللار ناھايىتى ئوماق ۋە تېتىك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر پۇتى بولغاندىن باشقا قالغان تەرەپلەردىن ناھايىتى نورمال ئۆسۈپ يېتىلمەكتە .








