كىشىلەر ئادەتتە ئىراقتىكى چەت ئەل ئايال ئەسكەرلىرى ئاساسلىقى ئارقا سەپتە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار برونېۋىكتا پىلىموتقا ئوق قاچىلايدۇ ياكى تېببىي خادىم سۈپىتىدە ئەر ئەسكەرنىڭ يارىسىنى داۋالايدۇ، دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى 2003 – يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراققا ھۇجۇم قىلغان چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئايال ئەسكەرلەر ئەرلەرگە ئوخشاش ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلغاندىن سىرت، يەنە ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جىنسىي پاراكەندىچىلىكتىن ھوشيار تۇرمىسا بولمايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر ئىراق بىلەن ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئەنگلىيىلىك ۋە ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەرنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسمى ئاياللار ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئىراقتىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئايال ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ھەرقانداق ئۇرۇشتىن ئېشىپ كەتكەن.
ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئايال ئەسكەرلەر قانلىق قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە دائىم قىسىمدىكى ئەر ئەسكەرلەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ تۇرغان. ئامېرىكىدىكى بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇلتۇر ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى ئايال ئەسكەرلەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلات ئىلگىرىكىدىن %8 ئاشقان، ئىراق بىلەن ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش مەيدانىدا بۇ سانلىق مەلۇمات %25 ئاشقان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەنگلىيە ‹‹يەكشەنبىلىك چولپانلار گېزىتى››دە بېرىلگەن بىر خەۋەردە: 2003 – يىلى 1 – ئايدىن 2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنىگىچە، ئاز دېگەندىمۇ 133 ئەنگلىيىلىك ئايال ئەسكەر ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، دۆلىتىگە بالدۇر قايتۇرۇلغان، دېيىلگەن. ئىسپانىيىدە چىقىدىغان ‹‹دۇنيا›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: ئامېرىكىلىق ئايال ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئەر سەپداشلىرى دۈشمەندىنمۇ قورقۇنچلۇق، دېيىلگەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
www.iz.la