مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
2008 – يىل 14 – دېكابىر بۇشقا ئاياغ ئاتقان مۇخبىر زاھىد(ماتېرىيال سۈرەت) ئىز تورى بەك ياخشى
ئەنگلىيە ‹‹مۇھاپىزەت گېزىتى››نىڭ 9 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇشقا ئاياغ ئېتىپ بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىراقلىق مۇخبىر زاھىد كېلەر دۈشەنبە قويۇپ بېرىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، زاھىد بۇشقا ئاياغ ئاتقاندىن كېيىن، ئىراق ۋە ئەرەب ئەللىرىدە قەھرىمانغا ئايلانغان. زاھىدنىڭ ئالدىنقى خوجايىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆت ياتاقلىق بىر يۈرۈش ئۆي سېلىپ بەرگەن ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاپىرىپ – ئەكىلىشكە يېڭى ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرغان. زاھىد ئىلگىرى خىزمەت قىلغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى زاھىدقا ئەۋەتىلگەن نۇرغۇن پۇل ۋە داۋالىنىش مۇلازىمىتى، لايىق تونۇشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرىۋالغان. ماراكەشتە ئولتۇرۇشلۇق ئىراقلىق بىر كىشى زاھىدقا قىزىنى ياتلىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن بىرەيلەن تېلېفون بېرىپ، زاھىدنىڭ ئايىغىنى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىز تورى بەك ياخشى