ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

ۋاقتى:2010-08-29 17:16مەنبە: تەھىرىر:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگرالنى ئۈگەنگەن، تۆت ياشقا كىرگەندە ياپۇنچە، كورىيىچە،ئېنگىلىزچە، گىرمانچە تۆت خىل يېزىقنى ئوقىيالايدىغان بولغان.1967-يىلى 11-ئاينىڭ2-كۈنى ياپۇنىيە تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى نەق مەيدان تارقاتقان پىروگراممىسىدا ئۇ كۆپ خىل دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگراللىق مەسىلىلەرنى يەشكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ تىل تالانتىنى نامايەن قىلىپ، تۆت خىل تىلدا نۇتۇق سۆزلىگەن،شېئىر ئوقىغان. يەتتە يېشىدا NASA(ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى) دە زىيارەتتە بولغان. 15 يېشىدا كولورادو شىتاتلىق ئۇنۋىرىستىتنىڭ فىزىكا پەنلىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.1974-يىلى NASA دا تەتقىقات خىزمىتىدە بولغان. 1978-يىلى كورىيىگە قايتىپ كەلگەن، بىراق كورىيە ئۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېتىراپ قىلمىغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋاملىق  ئۆگەنگەن ، بۇ قېتىم ئۇ فىزىكا كەسپىنى تاشلاپ، قۇرۇلۇش ئىنژىنىرلىقىنى تاللىغان ھەمدە ئاخىرىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.2007-يىلى CHUNGBUK دۆلەتلىك ئۇنۋىرىستىتىدا خىزمەتكە كىرگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


2. گېرىگورى سىمىس Gregory Smith، گۆش يىمەيدىغان تالانت ئىگىسى.      گېرىگورى سىمىس ئامېرىكىدا نامى چىققان «ئەۋلىيا» بالا، ئۇ 13 يېشىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ھازىر ۋېرگىنىيە ئۇنۋىرىستىتىدا تۆت كەسىپتە دوكتۇرلۇقتا ئوقىۋاتىدۇ. ئۇ توققۇز يېشىدا خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەرتەشەببۇسى  ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان (International Youth Advocates)، بۇ تىنچلىقنى قوغداش ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشكىلات.  ئۇ تۆت قېتىم نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭلىرى(كلونتون قاتارلىق)، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، كاتولىك دىنى بالىلار فوندى جەمىيىتى شۇنىڭدەك ب د ت نىڭ بالىلار ھوقۇقى ئالاھىدە يىغىنلىرىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. گېرىگورىينىڭ كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان ئىشى بولسا ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىكى كېنىيەدە  تېنچلىق مەكتىپىنى ، لۇئاندادا ھۆكۈمەت  ئىگىدارچىلىقىدىكى كۈتۈپخانا قۇرغانلىقىدۇر.

ئىز تورى www.iz.la



3.ئاكرىت جەسۋال Akrit Jaswal، يەتتە يېشىدا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان. ئاكرىت جەسۋالنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى 146 بولۇپ، بىر مىليارت نوپۇسى بار ھىندىستاندىكى تەڭ ياشلىقلار ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىق بالا. ئاكرىتنىڭ ئانىسىنىڭ دىيىشىچە ئۇ تىلى چىقىشتىن ئىلگىرىلا باشقىلارغا ئوخشىمايدىكەن. كىچىكىدىنلا ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئىككى يېشىدا ھەرپلەرنى ئۆگەنگەن ھەمدە تېزلا بۇ ھەرپلەردىن سۆز تۈزۈپ باشقا بالىلارغا ئۆگەتكەن. ئۇ راك كېسىلىگە داۋا تېپىشقا ئىرادە قىلغان. www.iz.la


4. كېلىئوپاترا ستراتان Cleopatra Stratan ، رومىنىيىلىك ئۈچ ياشلىق مۇزىكا تالانت ئىگىسى. ئۇ 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان. ئۈچ يېشىدىلا ئۆزىنىڭ شەخسى ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ دادىسى پاۋىل ناخشىچى بولۇپ، بىر كۈنى  مۇزىكا ئۆيىدە ئۈچ ياشلىق كېلىئوپاترا مىكرافوننى تالىشىپ ناخشا ئېيتىپ كەتكەن، بۇنى كۆرگەن پاۋىل ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش نىيىتىگە كەلگەن.  ناخشا كېچىلىكىدە كېلىئوپاترا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ« مېنىڭ ئىسمىم كېلىئوپاترا،مەن ئاران ئۈچ ياشقا كىردىم، بىراق مەن يەنىلا قەتئىي نىيەتكە كېلىپ كۆپچىلىككە مېنىڭ ناخشام «ئۈچ ياشلىق بالىلار ناخشىسى »نى  ئېيتىپ بېرىمەن دىگەن. كۆپچىلىك بۇ كىچىك قىز بالىنىڭ غەيرىتى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا ھەيران قالغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن



5. ئائېلىتا ئاندىرى Aelita Andre،  ئىككى ياشلىق رەسسام.
   نۇرغۇن ئىككى ياشلىق بالىلارغا ئوخشاشلا ئائېلىتامۇ رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدۇ،بىراق بۇ ئاۋىستىرالىيەلىك كىچىك رەسسامنىڭ رەسىمى ئۆيدە تۇرماي بەلكى كۆرگەزمە زالىدا تۇرىدۇ. مېلبورندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى باشقا سەنئەتكارلار بىلەن بىللە كۆرگەزمە قىلىنىپ ، غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى رەسسام ئىكەن. باشقىلار بۇ رەسىملەرنىڭ  ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سىزىشىپ بەرگەن دەپ گۇمانلانغان. لېكىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىزچىل ھالدا بۇ رەسىملەرنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سىزغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. copyright by www.iz.la


6.Saul Aaron Kripke،  تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا خارۋارد ئۇنۋىرىستىتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئىلتىماس سۇنغان.ئۇ  1940-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا نېبراسكا شىتاتىدا يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ  16يېشىدا  مودال لوگىكا سىمانتىكىسى توغىرلىق ئىلمى ماقالە يازغان. بەزى لوگىكىچىلار ئۇماقالىنى پرىنسىتون ئۇنۋىرستىتىدىكى بىرسىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمى ماقالىسى دەپ قالغان.1958-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ خارۋاردقا ئوقۇشقا كىرىپ، ماتىماتىكا پەنلىرىدىن باكىلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2001-يىلى Schock لوگىكا -پەلسەپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


7.Michael Kevin Kearney، ئون يېشىدا باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.  بۇ يىل ئەمدىلا 20نەچچىگە كىرگەن مىكائىل  كېرنىي 10 يېشىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ، ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئادەم بولۇپ قالغان.2008-يىلى ئامېرىكا  تېلىۋىزىيە ئويۇنىنىڭ بىر مىليون دوللارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ تۆت ئايلىق چىغىدىلا تىلى چىققان بولۇپ، ئالتە ئايلىق بولغاندا دوختۇرغا« مېنىڭ سول قۇلىقىم ياللۇغلاندى» دىگەن. ئون ئايلىق بولغاندا كىتاپ ئوقۇشقا باشلىغان. 2008-يىلى مىليون دوللارلىق ئامېرىكا Gold Rush مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ نام چىققان. ئىز تورى بەك ياخشى


8. Fabiano Luigi Caruana، شاخمات ئۇستىسى،14 يېشىدا دۇنيادىكى ئەڭ ياش شاخمات پىرى بولۇپ قالغان. ئۇ ئامېرىكا ۋە ئىتالىيەدىن ئىبارەت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە  دۇنيادىكى ئەڭ ياش شاخمات پىرى.


9.Willie Mosconi، ئالتە يېشىدا كەسپى بىليارت ئويناشقا باشلىغان. ئۇنى لەقىمى "Mr. Pocket Billiards" بولۇپ، پېنسىلۋانىيە شىتاتىلىق بىليارتچى. ئۇنىڭ دادىسى بىليارتخانا ئاچىدىكەن، لېكىن ئۇنى كىچىك چىغىدا ئوينىغىلى قويمىغان. لېكىن ئۇ ئوغىرلىقچە  ئاشخانىسىدا مەشىق قىلغان. كېيىن دادىسى ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى تەربىيلىگەن، ئۇ ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن تەجرىبىلىك بىليارت ئۇستىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇ 1941~1957 يىلغىچە  ئۇدا 15 يىل دۇنيا چىمپىيونى بولغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


10.Elaina Smith،  يەتتە ياشلىق ئۇ « ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەتلىرىگە جاۋاپ » پروگراممىسىنىڭ ئەڭ ياش جاۋاپ قايتۇرغۇچىىسى.  بىر قېتىم بىر كەيپىياتى ناھايىتى تۆۋەن بىر ئايال ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغاندا ئېلىنا ئۇنىڭغا لايىق جاۋاپ قايتۇرۇپ بۇ رادىئو ئىستانسىدا بىر كشىلىك خىزمەتكە ئېرىشكەن. بۇ ھىكايە مۇنداق ئىكەن. بىرسى ئۇنىڭدىن قانداق قىلغاندا يىگىتىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدىغانلىقى توغىرسىدا مەسلىھەت سورىغاندا ئۇ جاۋاپ بېرىپ:« ئۇ سېنىڭ ئازاپلىنىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ، ھايات ناھايىتى قىسقا، ھېچقانداق ئەر كىشى سېنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئازاپ تارتىشىڭغا ھەرگىز ئەرزىمەيدۇ» دىگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


قوشۇق تەرجىمىسى ئىز تورى بەك ياخشى

مەنبە؛koxuk.blogbus.com

copyright by www.iz.la

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...

  • دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەر

    ماشساررا دەرىخى ، ئامېرىكا نېرۋانا شىتاتى 4800 يىللىق تارىخقائىگە سەئىد ئاباكۇ دەرىخى ئىران 4000 يىل باتاگونىيا دەرىخى چىلى 3600 يىل Jardine Juniper قارىغاي دەرىخى ئامېرىكا يۇتا شىتاتى 3200 يىل پاترىياك فلورېستا دەرىخى برازىلىيە 3200 يىل ئاق ئات دەرىخى سى...

  • ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

    ئەنگىلىيە ئەينەك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2010-يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان (ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئەڭ ياخشى)شەھەرلەر تىزىملىكى : 1. ميۇنخېن 2. كوپىنھاگېن 3. سيۇرىخ 4. توكيو 5. خېلىنىسكىي 6. ستوكھولىم 7. پارىژ 8. ۋېنا 9. مىلبۇرن 10 ....

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش

    1. ئىتالىيىدىكى پىسا يانتۇ مۇنارى 2. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاستانە دەرۋازىسى 3. گوللاندىيىدىكى ۋوزوك تۇرالغۇسى 4. گرىتسىيىدىكى بوشلۇق ئىبادەتخانىسى 5. ياۋروپا دەرۋازىسى ئىسپانىيە مادرىد 6. روسىيىدىكى ؟ ؟ ؟ 7. ئاسترا بىناسى گېرمانىيە ھامبۇرگ 8. تاكاسۇك...

  • دۇبەيدىكى ئاپتوماتىك ئالتۇن ئېلىش ماشىنىسى

    ...

  • سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسمى

    ...

  • ئوبامانىڭ نۇتقى نېمىدىگەن زېرىكىشلىك ؟!

    يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مېچىگان شىتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ، زۇڭتۇڭنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى (ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭدا)باشتىن-ئاخىر مۈگدەپ ياكى ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بىغەم بالادېگەن نام بىلەن توردا بىر...

  • 12ياشلىق تورىئادور بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدە ئۆلگىلى تاس قالدى

    كىچىك تورىئادور بۇقا ئوينىتىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە 400 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بۇقا ئۇنى ئۇچلۇق مۈڭگۈزى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۈسىۋەتكەن ......

  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت گېلەم 20 مىليون دوللارغا سېتىلدى !

    شۇ ......

  • دۇبەي خان جەمەتىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى

    ھامىدىن دۇبەينىڭ ھازىرقى خەلىپىسى شەيخ بىن رەشىدنىڭ 2-ئوغلى بولۇپ ، 2008-يىلى تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلگەن . ئۇنىڭ جەمئىي 17 قېرىندىشى بار، ئۇلارمۇ خۇددى ھامىدىنغا ئوخشاشلا بىر-بىرىدىن چىرايلىق ۋە كېلىشكەن ......

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ دېڭىز ئاستى خارابىلىقى

    لوپنۇر-نىيە خارابىسى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ......