ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe
1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEماركىلىق سائەت ياسايدىغان سائەتچىنى تەربىيلەش ئۇچۇن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. بىر قېتىملىق كىم ئارتتى قىلىپ سېتىشتا 1933-يىلى بىر بانكىر ياساتقۇزغان سائەت 11مىليون دوللارغا سېتىلغان. بۇ خىل سائەتنىڭ 24خىل ئىقتىدارى بولۇپ، لاھىيلەشكىلا 3يىل ۋاقىت كەتكەن. يەنە 5يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ شېركەت قۇرۇلغىلى بىر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، پەقەتلا 600مىڭ دانە سائەت ئىشلەپچىقارغان. بۇ زاۋۇتتا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قائىدە بولۇپ، ھەريىلى پەقەت بىرلا سائەتنى قولدا ياساپ چىقىدىكەن. بۇ سائەتنىڭ باھاسى خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 30مىليون يۇەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنى كۈتۈش ئۈچۇن 8~10غىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.
ئىز تورى www.iz.la

يۇز يىللىق ئەنئەنىنى ساقلاپ كەلگەن_ Audemars Pigeut
1875-يىلى JulesLouis Audemars ۋە EdwardAuguste piguet ئىسىملىك ئىككى ياش ئۆزلىرىنىڭ سائەتچىلىك ئىشلىرىنى باشلىدى. 1881-يىلى زاۋۇتنى“Audemars Biguet & Cie” نامىدا تىزىمغا ئالدۇردى. ھازىرغا كەلگىچەAudemarsۋەPiguet ئىبارەت 4ئەۋلاد ئىككى جەمەت كىشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا Audemars Pigeut دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سائەتلەر قاتارىغا كىردى.

كىشى زوقلانغىدەك ئېسىل بۇيۇم_ Piaget
Piageماركىلىق سائەت كېيىنچىرەك نام چىقارغان بولۇپ، بۇ 20-ئەسىر 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىشلار. بۇگۇنكى كۇندىكى باي-ئاقسۆڭەڭلەرنىڭ قوغلىشىش نىشانىغا ئايلانغان بۇ سائەت يۇز يىلغا يېقىن تەرەققىيات ۋاقتىنى بېشىدىن كەچۇرگەن. بۇ سائەتنىڭ قېپى ۋە بېغى چوقۇم 18Kلىق ئالتۇن ياكى ئاق ئالتۇن بىلەن ياسىلىدۇ.

جېننىس دۇنيا رېكوتى ياراتقۇچى _ Jaeger-Le Coulter
بۇ شېركەتنىڭ ئاساسى 1883-يىلى چارلىز.ئانتونى.لاكاتو قۇرغان سائەت زاۋۇتى بولۇپ ، قۇرغۇچى بىر ھۈنەر - سەنئەت ئۇستىسى . ئۇ خاتالىق پەرقى 1000\1 مىللىمېتىر كىلىدىغان مىكرومېتىر ياسىغان. بۇ سائەت زاپچاسلىرىنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۇرگەن. دۇنيا كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1992-يىلى بۇلار ياسىغان جىننىس دۇنيا رېكوتى ياراتقان مىكروتىپلىق مېخاينىك ئۆزەكلىك 2لىڭ سائەت (لىڭ-مىقدار بىرلىكى. 1لىڭ=2.256مىللىمېتىر) دۇنيانى زىل-زىلىگە سالدى.ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت سالغان سائەتمۇ ئاق ئالتۇندىن ياسالغان بىليارت ئورنىتىلغان مۇشۇ خىلدىكى سائەت. www.iz.la

ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سەنئەت بۇيۇمى_ Vacheron Constantin
1775-يىلى قۇرۇلغان، تارىخى ئۇزۇن. قۇرغۇچىسى Jean Marc Vacheron. ئۇنىڭ بىلىمى چوڭقۇر، تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ. سائەتچىلىك ساھەسىدىكى پېشۋا. ئۇ دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن سائەت زاۋۇتى قۇرغان. بۇ زاۋۇت Vacheron Constantinنىڭ ئاساسى. بۇ زاۋۇت ھەريىلى ئاران 20مىڭ دانە سائەت ئىشلەپچىقىرىدۇ.

يوقىرى تەبىقىنىڭ ئەتىۋارلىق ئەرمىكى _ Cartire
ئىز تورى www.iz.la
Cartireجەمەتى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا فىرانسىيەدىكى داڭلىق زىبۇ -زىننەت ياسايدىغان مەشھور جەمەت ئىدى. ئۇلار 1888-يىلى بىليارت قوندۇرۇلغان ئالتۇن بىلەيزۇككە ئايالچە سائەت ئورۇنلاشتۇردى.1904-يىلى SANTOS ئۈچۇن ياسىغان سائەت بىلەن نام چىقىرىپ، ھازىرغىچە يوقىرى تەبىقىنىڭ ئەتىۋارلىنىدىغان بۇيۇمى ھېساپلىنىدۇ.

سائەتچىلىكنىڭ ھۆكۇمرانى _ Rolex
Rolex شىركىتىنىڭ ئاساسى W&D شېركىتى. گىرمانىيەلىك ھانىس،ۋايسدوف بىلەن ئەنگىلىيەلىك دەيۋىس بىرلىىىپ قۇرغان. 1908-يىلى ئۇلار Rolex ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى. W&Dشۇندىن ئېتىبارەن Rolex قا ئۆگەردى. ئۇ دەسلەپتە كەڭ ئېچىلغان بەش بارماقنى ئۆزىگە ماركا بەلگىسى قىلغانىدى. بۇ سائەتنىڭ پۈتۈنلەي قولدا ياسالغانلىقىنى بىلدۇرەتتى. كېيىنچە خان تاجىنى ئۆزىنىڭ ماركا بەلگىسىى قىلىدى. ئۇ ھازىر سائەتچىلىك ساھەسىدىكى ھۆكۇمران. دۇنيادىكى 10داڭلىق ماركىنىڭ ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.

IWC
1868-يىلى قۇرۇلغان. IWCنىڭ قۇرغۇچىسى ئامرىكا بوستۇنلۇق ئىنژىنىر FlorenineA. Jones بولۇپ، ئۇ رېيىن دەرياسى بويىدا شىۋىتسارىيە ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مېخاينىڭ سائەت زاۋۇتىنى قۇردى. IWC نىڭ يېقىنى يىللاردىكى نەتىجىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
سائەت بەلگىسى IWC بولسا شېركەت نامى The Internationalنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى. دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلغان شىۋىتسارىيە سائەت ماركىلىرى ياپۇنىيەدە سودىگەرلەرROLEX، دوختۇرلار OMEGA، ئالىي مەكتەپ پىرافىسورلىرى IWC ئىشلىتىش مودا دولقۇنىنى قوزغىغان. ئىز تورى بەك ياخشى

IRARD-PERREGAUX
جەنۋەدىن كەلگەن بۇ سائەت 1791-يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئىككى ئەسىردىن ئۇزاق ۋاقتتىن بۇيان، سانسىزلىغان سائەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە بىر-بىرىگە قالدۇرىشى نەتىجىسىدە ، بۇ دۇنياغا داڭلىق ماركىغا ئايلاندى.

نەتىجە ۋە مۇكەممەللىكنىڭ سىمۋولى - OMEGA
بۇ ماركىنىڭ نامى گېرىك ھەرپلىرىدىكى ھەرپ ئومىگا(Ω)دىن كەلگەن.1848-يىلى قۇرۇلغان. ئومىگا يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى، يېنىك ئاتلىتكا، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق دۇنياۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ۋاقىت ھېساپلاشقا ئىشلىتىدۇ. ئايغا چىققانلار تاقىغان بىرىنچىلەپ تاقىغان شۇنداقلا بىردىنبىر تاقالغان سائەت -ئومىگادۇر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئومىگا ئادەتتە داڭلىق شەخىسلەرنى ئوبراز ئەلچىسى قىلىدۇ. مەسىلەن . F1مۇسابىقە چىمپىيونى شۇماخ، شىۋىتسارىيەلىك داڭلىق تېننىس توپ ماھىرى خېنگىس، 007نىڭ رولىنى ئالغان پېئىر . بىروسنان. داڭلىق مودىل سىندى .كىلاف...

مەنبە؛koxuk.blogbus.com بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن