ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرىنىڭ ئەنئەنىسى ساقلىنىپلا قالماي ، يەنە ئافرىقا قەبىلىلىرىنىڭ ئىزنالىرىمۇ ساقلانغان. copyright by www.iz.la

‹‹ماۋرىتانىيە›› ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر ئىسىم ، ئۇنىڭ ‹‹مۇرلارنىڭ دۆلىتى›› ، ‹‹مۇرلارنىڭ زېمىنى›› دېگەن مەنىلىرى بار، چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق مىللىتى مۇرلار بولۇپ ، پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 53 ىنى ئىگىلەيدۇ.
www.iz.la

مۇرلار تىپىك كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ، ئۇلار ئاساسلىقى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ نىسبەتەن تەكشى بولغان بىپايان جايلىرىدا ياشايدۇ . مۇرلارنىڭ توي مۇراسىمى تەبىئىيلا چۆلدىكى شۇ ئۆزگىچە جۇشقۇنلۇق ۋە مەردانىلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ، بۇ دۆلەتنىڭ قىزىقارلىق ئۆرپ–ئادەت توي مۇراسىمىدىن ئۇلارنىڭ رەڭدار مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

ئۇزاقتىن بېرى ، مۇرلار ئاجايىپ بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ ، يەنى قىزلارنىڭ توي ئىشىنى ئانىسى قارار قىلىدۇ ، ئاتىسى ئارىلاشمايدى . بىر يىگىتنىڭ بىرەر قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قالسا ، ئۇنىڭ ئانىسى سوۋغا–سالاملار بىلەن قىزنىڭ ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ قىز سورايدۇ ، ئەگەر قىزنىڭ ئانىسى رازىلىق بىلدۈرسە ، توي ئىشى نەق مەيداندىلا بېكىتىلىدۇ ھەمدە توي مۇراسىمىنىڭ ئېنىق ۋاقتى كېڭىشىلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

مۇرلارنىڭ قارىشىچە ، يېڭى كېلىنچەكنىڭ چىرايلىقلىقىنىڭ ئۆلچىمى ئۇنىڭ ھۆسنى–جامالى ۋە بوي ئېگىزلىكى ئەمەس، زىبۇزىننەت ۋە كېيىم–كېچەكلىرىمۇ ئەمەس . بەلكى قىزنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلغان –قىلمىغانلىقى . قايسى كېلىنچەكنىڭ بېلى توم ، بوينى قىسقا ، ساغرىسى تومپىيىپ چىققان ، كۆكسى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بولسا ، شۇ ھەممە ئېتىراپ قىلغان ‹‹گۈزەل›› ھېسابلىنىدۇ . كۈيۈئوغۇلنىڭ پەخىرلىك ھېسسىياتىنى دېمەيلا قويايلى، ئۆيىدىكىلىرى ھەممىدىن بەك شەرەپ ھېس قىلىدۇ ، قەبىلىداشلىرىنىڭمۇ يۈزى يورۇق بولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

شۇ ئورۇق ، ئېگىز ئەرلەر دائىم سېمىز خوتۇن ئېلىشنى ئارزۇلايدۇ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، سېمىز ئايال بايلىقنىڭ سىمۋولى. ئەگەر قايسى بىر يىگىت سېمىزلىكتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئايال ئالالىسا ، بۇ ئائىلىنىڭ توي مۇراسىمى جەزمەن ئادەتتىن تاشقىرى دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاۋارىچىلىقتىن قاچماي تەبرىكلىگىلى كېلىپ ، كېلىنچەكنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

ئۆز قىزىنى ئىززەت–ھۆرمەتلىك ‹‹كېلىنچەك›› قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ، ئانىلار بەسلىشىپ تۇرۇپ سەمىرىش يوللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . باي ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرى 7~ 8 يېشىدىن باشلاپلا ، ئاتا–ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن سەمىرىش مەشقىنى باشلايدۇ، چۆرىلەر ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ماي سۈرىدۇ ، ئۇلار قوي سۈتى ۋە ياغ تەركىبى مول مايلىق يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ ، تالانىڭ ئەمگىكى ياكى جىددىي پائالىيەتلەرگە ئەزەلدىن قاتناشمايدۇ. www.iz.la

ئاددىي چارۋىچىلارنىڭ قىزلىرى ئۆز بەدىنىنى گۈزەللىك ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ، نەچچە يېشىدىن باشلاپلا ئاتا– ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا تۆگە سۈتى ئىچىدۇ ، ئۇزاق بىر مەزگىلدىن كېيىن ، بۇ قىزلارنىڭ بەدىنى تولۇپ كۆرۈنەرلىك يېتىلىدۇ .
ئىز تورى www.iz.la

سېمىزلىكنى گۈزەللىك دەپ قارايدىغان بۇ خىل قاراش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ، كۆپلىگەن شەھەرلىكلەر قىزلىرى ياتلىق بولۇشتىن بىر يىل بۇرۇن ئۇلارغا گۆش ۋە سۈت يېمەكلىكلىرىنى كۆپرەك يېگۈزۈش ئۈچۈن چارۋىچىلىق رايونىغا ئەۋەتىۋېتىدۇ ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى يېمەك–ئىچمەك ئادىتى ئارقىلىق ، قىزلىرىنى ‹‹ توم ، سىزىق›› فىگورىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

يېمەكلىك جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلغاندىن باشقا ، قىزلار يەنە ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا يالىڭاچلىنىپ يۇمشاق قۇم ئۈستىدە ئېغىناپ ، بەدىنىنىڭ تەكشى بولمىغان جايلىرىنى سۈركەپ تۈزلەيدۇ . ئۇزاق مەزگىل قاتتىق چېنىققاندىن كېيىن ، ئۇلار قورامىغا يەتكەندە ، گۆشىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان ، سۆڭىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ‹‹خام›› سېمىزلارغا ئايلىنىپ ، يىگىتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى قوغلىشىش ئوبيېكتى بولىدۇ.