ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تو

2008-يىلى12-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: لالە چېكىلىشى:قىتىم
 ئۆمەر زىپەر     باشلانغۇچ مەكتەپتە ماتېماتىكا ئاساسىي دەرسلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە تۆۋەن يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى يىللىققا ئۆرلىگەنسېرى ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ بارىدۇ ھەم ئ
  

 ئۆمەر زىپەر

    باشلانغۇچ مەكتەپتە ماتېماتىكا ئاساسىي دەرسلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە تۆۋەن يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى يىللىققا ئۆرلىگەنسېرى ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ بارىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلاردا ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقمايدىغان خاھىش پەيدا بولىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:

    1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قارىشىنى توغرىلاپ، ئىدىيىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ماتېماتىكا دەرسىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۆزىدە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى؛ ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، قىممىتى، ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

    2. سائەتلىك دەرس لايىھىسىنى ئەتراپلىق تۈزۈشى، يەنى كىتاب بىلەنلا چەكلىنىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، قىزىقىشى، مىجەز  – خاراكتېرى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىن دەرسكە مۇناسىۋەتلىك مىساللارنى ئېلىپ دەرس لايىھىسى تۈزۈشى كېرەك.

    3. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى،  بىرلا خىل ئۇسۇلدا دەرس ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇشتىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى،  قىزىقارلىق، ئاددىي، چۈشىنىشلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش مېتودىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ئىچىگە باشلاپ كىرىشى كېرەك.

   4. بېرىلىدىغان تاپشۇرۇق مۇۋاپىق بولۇشى، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا، ئەستايىدىل تەكشۈرۇپ، مۇۋاپىق باھا يېزىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ساغلام پسىخىكا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    5. مۇۋاپىق پەيتتە شەكلى ھەر خىل، قىزىقارلىق سىناق مۇسابىقىسى، تېز ھېسابلاش ئويۇنلىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

    قىسقىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇتقۇچى ‹‹كېسەلگە قارىتا دورا بېرەلەيدىغان›› ھەم كۆيۈمچان، ئىجادكار، قابىل، مېھرىبان، يۇمۇرىستىك، تەلەپچان بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا دەرسىنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.

  (ئاپتور: پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا زېرىپ باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!