31-ماي يېرىم كېچىدە ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن غەزا رايونىغا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى توشۇپ ماڭغان تۈركىيىنىڭ بىر يۈك پاراخوتى توقۇنۇشۇپ قېلىپ ، پەلەستىنلىك 16 نەپەر پاراخوت خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە ئىككى تەرەپتىىن 30 نەچچە ئادەم يارىلانغان . ۋەقەدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىردەك قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدەە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىسرائىلىيىگە قارشى نامايىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن .
1-ئىيۇن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاخىرى بۇ ۋەقەگە چۈشەنچە بېرىپ ، يۈك پاراخوت خادىملىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ئاۋال ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئاشكارىلىدى . ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، دېڭىز مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ چارلىغۇچىلىرى تىك ئۇچار ئارقىلىق يۈك پاراخوتىغا چۈشۈپ تەكشۈرمەكچى بولغاندا پاراخوت خادىملىرىنىڭ قوراللىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى پاراخوتتىن ئۇرۇپ چۈشۈرىۋېتىلگەن . ئىسرائىلىيە تەرەپ كېيىن قوراللىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئون نەچچە ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .